يەمەندە شىددەتلىك توقۇنۇش يۈز بەردى

ەننىڭ ئوتتۇرا قىسمىغا جايلاشقان تەئىز شەھىرىدە ھۆكۈمەتكە قاراشلىق كۈچلەر بىلەن ھۇسىيلار ۋە ئاغدۇرۇپ تاشلانغان پىرېزىدېنت ئەلى ئابدۇللاھ سالىھ تەرەپدارلىرى ئارىسىدا شىددەتلىك توقۇنۇش يۈز بەردى.

531171
يەمەندە شىددەتلىك توقۇنۇش يۈز بەردى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: يەمەننىڭ ئوتتۇرا قىسمىغا جايلاشقان تەئىز شەھىرىدە ھۆكۈمەتكە قاراشلىق كۈچلەر بىلەن ھۇسىيلار ۋە ئاغدۇرۇپ تاشلانغان پىرېزىدېنت ئەلى ئابدۇللاھ سالىھ تەرەپدارلىرى ئارىسىدا توقۇنۇش يۈز بېرىپ، 24 ئادەم ئۆلدى، 32 ئادەم يارىلاندى.

جۇمھۇر رەئىس ئابدۇراببۇ مەنسۇر ھادىنى قوللايدىغان خەلق قارشىلىق كۆرسىتىش كۈچلىرىنىڭ مەتبۇئات مەركىزىدىن ئېلان قىلىنغان يازما باياناتتا، تەئىزدىكى جەبەل سەبىر رايونىدا يۈز بەرگەن توقۇنۇشلاردا ھۇسىيلار بىلەن سالىھ تەرەپدارلىرىنىڭ 22، خەلق قارشىلىق كۆرسىتىش كۈچلىرىنىڭ ئىككى ئادىمىنىڭ ئۆلگەنلىكى ئەسكەرتىلدى. باياناتتا يەنە، مەزكۇر توقۇنۇشلاردا خەلق قارشىلىق كۆرسىتىش كۈچلىرىدىن 9، ھۇسىيلاردىن 23 كىشىنىڭ يارىلانغانلىقىمۇ قەيت قىلىندى.

يەنە بىر تەرەپتىن، ھۇسىيلار بىلەن سالىھ تەرەپدارلىرى تۈنۈگۈن كەچتە دۆلەتنىڭ غەربىي جەنۇبىدىكى خەلق قارشىلىق كۆرسىتىش كۈچلىرىنىڭ نىشانلىرىغا راكېتامىيوتلارنى ئىشلىتىپ ھۇجۇم قىلدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر