ئوباما ئامېرىكىدىكى ئىرقىي ئايرىمىچىلىق توغرىسىدا مۇھىم سۆز قىلدى

ئامېرىكا پىرېزىدېنتى باراك ئوباما خەلققە قارىتىپ، «بىرلىك»، «ئىتتىپاقلىق» نى چاقىرىق قىلدى.

529809
ئوباما ئامېرىكىدىكى ئىرقىي ئايرىمىچىلىق توغرىسىدا مۇھىم سۆز قىلدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى: ئامېرىكا پىرېزىدېنتى باراك ئوباما ABC نىيۇس قانىلىدا تارقىتىلىدىغان بىر مەخسۇس پىروگراممىدا، جەمئىيەتتىكى ئوخشىمىغان قاتلاملارنىڭ، يەنى ئاق تەنلىكلەر ۋە قارا تەنلىكلەرنىڭ پىكىر – قاراشلىرىغا قۇلاق سالدى. ئۇ پىروگراممىغا، ئاق تەنلىك ساقچىلار تەرىپىدىن ئۆلتۈرۈلگەن ئالتون ستېرلىڭ ۋە فىلاندو كاستىلنىڭ ئائىلىلىرى ھەمدە داللاستا ئۆلتۈرۈلگەن ساقچىلارنىڭ ئائىلىلىرى بىلەن بىرلىكتە قاتناشتى. ئۇ: «ئوتتۇرىدا ئۇلارغا قارشى ھېچقانداق مەسىلە يوق، بۇ ھەممىمىزگە مۇناسىۋەتلىك مەسىلە» دېدى.

ئۇ ئۆزىنىڭمۇ بالىلىق ۋە ياشلىق چاغلىرىدا ئىرقىي ئايرىمىچىلىقلارغا دۇچ كەلگەنلىكىنى، ئەمما ئامېرىكىنىڭ بۇ مەسىلىلەرنىڭ كۆپىنچىسىنى ھەل قىلغانلىقىنى بىلدۈردى. ئۇ مۇنداق دېدى:

«ھازىر ئەھۋال بۇرۇنقىغا ئوخشاش ناچار ئەمەس، بىراق بۇنىڭغا مۇناسىۋەتلىك بىر ئۆتمۈش بار.»

ئۇ ئامېرىكا خەلقىگە بىرلىك ۋە باراۋەرلىكنى چاقىرىق قىلىپ: «بىز بەزى كىشىلەر ئويلىغاندەك بۆلۈنۈپ كەتمىدۇق» دېدى.

ئامېرىكىدا ئالتون ستېرلىڭ ۋە فىلاندو كاستىل ئىسىملىك ئىككى قارا تەنلىك كىشىنىڭ ئارقا – ئارقىدىن ئۆلتۈرۈلۈشى ۋە ئارىدىن ئۇزاق ئۆتمەي جونسون ئىسىملىك بىر قارا تەنلىكنىڭ داللاستا بەش ساقچىنى ئېتىپ ئۆلتۈرۈشى، ئىرقىي ئايرىمىچىلىققا مۇناسىۋەتلىك مۇنازىرەلەرنى ئۇلغايتىۋەتكەن ئىدى.

ئامېرىكا پىرېزىدېنتى باراك ئوباما دۆلەت ئىچىدىكى جىددىي ۋەزىيەتنى پەسەيتىش ئۈچۈن 12 – ئىيۇل ساقچىلارنىڭ دەپنە مۇراسىمىغا قاتناشتى. 13 – ئىيۇل بولسا، بىخەتەرلىك مەسئۇللىرى ۋە «قارا تەنلىكلەرنىڭ ھاياتىمۇ قىممەتلىكتۇر» دېگەن ھەرىكەتنىڭ ۋەكىللىرى بىلەن كۆرۈشتى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر