فىرانسىيە ئىستىخباراتىنىڭ تىزىملىكىدە تېررورىستنىڭ ئىسمى يوق

نىيىس شەھىرىنىڭ تاراتقۇلىرىدا، قانلىق قەتلىئامنى پەيدا قىلغان تېررورىستنىڭ ئىسمىنىڭ 31 ياشلىق مۇھەممەد لاخوۋائېيج بۇھلېل ئىكەنلىكى ئېلان قىلىندى.

530011
فىرانسىيە ئىستىخباراتىنىڭ تىزىملىكىدە تېررورىستنىڭ ئىسمى يوق
nice fransa
Fransa'da terör saldırısı9.jpg

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: 14 – ئىيۇل مىللىي بايرام كۈنىدە فىرانسىيەنىڭ نىيس شەھىرى قورقۇنچلىق بىر قەتلىئامغا سەھنە بولدى. تەبرىكلەش پائالىيەتلىرى ئېلىپ بېرىلىۋاتقان يولدا بىر يۈك ئاپتوموبىلىنىڭ ئامما ئارىسىغا بۆسۈپ كىرىشى ۋە شوپۇرنىڭ خەلقنى ئوققا تۇتۇشى نەتىجىسىدە 84 كىشى ھاياتىدىن ئايرىلدى.ئۆلگەنلەرنىڭ مۇھىم بىر قىسمى 15 مېتىرلىق يۈك ئاپتوموبىلىنىڭ 90 كىلومېتىرلىق سۈرئەت بىلەن ئۇدا 2 كىلومېتىر ئالغا ئىلگىرىلىشى نەتىجىسىدە ئونلارچە كىشىنىڭ ئىزىلىشى بىلەن مەيدانغا كەلدى. بۇ قېتىمقى ھۇجۇمدا 100 ئەتراپىدا كىشى يارىلاندى، بۇنىڭ ئىچىدە 47 كىشىنىڭ ئەھۋالى ئېغىر.

جىنايەتچىنىڭ كىملىكى ئاپتوموبىلدا قولغا چۈشۈرۈلگەن يىپ ئۇچلىرىغا ئاساسەن بېكىتىلدى.نىيىس شەھىرىنىڭ تاراتقۇلىرى تېررورىستنىڭ 31 ياشلىق مۇھەممەد لاخوۋائېيج بۇھلېل ئىكەنلىكىنى خەۋەر قىلدى.مەلۇم بولۇشىچە، ىيس شەھىرىدە ياشىغان ۋە قورال ساقلاش بىلەن ئەيىبلىنىپ تۇتۇلغان.ئەمما، فىرانسىيە ئىستىخباراتى تىزىپ چىققان ئاشقۇن دىنچىلاردىن تەركىپ تاپقان تەخمىنەن 10 مىڭ كىشىلىك تىزىملىكتە ئۇنىڭ ئىسمى كۆرۈلمىگەن.  

فىرانسىيە باش مىنىستىرى مائۇئېل ۋولس بۈگۈن (15 – ئىيۇل) تۇنجى قېتىم تېلېۋىزوردا بايانات ئېلان قىلدى. ئۇ: «فىرانسىيە تېررورلۇق بىلەن ياشاشقا مەجبۇر قالىدۇ، شۇڭا ئىتتىپاق بولۇشىمىز لازىم. ئۈچ كۈنلۈك ماتەم ئېلان قىلىندى، بۇنىڭ ئۈستىدىنمۇ غالىپ كېلىمىز، تېررورلۇققا ھەرگىزمۇ باش ئەگمەيمىز،فىرانسىيەنىڭ مەنىۋى بايلىقلىرى ئەتراپىدا توپلىنىش 14 – ئىيۇلنىڭ روھىدۇر» دېدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر