دائېشنىڭ بىر رادىيو ئىستانسىسى بومباردىمان قىلىندى

دائېشنىڭ ئافغانىستاندىكى بىر رادىيو ئىستانسىسى بومباردىمان قىلىنىپ، ئىستانسا خادىملىرى ئۆلدى.

529265
دائېشنىڭ بىر رادىيو ئىستانسىسى بومباردىمان قىلىندى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئافغانىستاننىڭ شەرقىگە جايلاشقان نانگارھار ۋىلايىتىدە تېررورلۇق تەشكىلاتى دائېشقا تەۋە بىر رادىيو ئىستانسىسىنىڭ خادىملىرى، بومباردىماندا ئۆلتۈرۈلدى.

نانگارھار ۋالىي مەھكىمىسى باياناتچىسى ئابدۇللاھ ھوگيانى، شىمالىي ئاتلانتىك ئەھدى تەشكىلاتىغا تەۋە ئۇچقۇچىسىز ئايروپىلانلار بىلەن ئېلىپ بېرىلغان ھۇجۇمدا، رايون خەلقىنى تەشكىلاتقا قوشۇلۇشقا تەشۋىق قىلىپ ئاڭلىتىش بېرىدىغان رادىيو ئىستانىسىسىنىڭ ۋەيران بولغانلىقىنى ئۇقتۇردى.

ئابدۇللاھ ھوگيانى ئاچىننىڭ مۇھەممەد دەرە رايونىغا قىلىنغان ھاۋا ھۇجۇملىرىدا تەشكىلاتقا ئەزا 12 تېررورچىنىڭ ئۆلتۈرۈلگەنلىكىنى بىلدۈردى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر