سۈرىيەدە پاناھلانغۇچىلار لاگىرى چاچما بومبا ھۇجۇمىغا ئۇچرىدى

ھۇجۇمدا 17 كىشى ھاياتىدىن ئايرىلىپ، 40 كىشى يارىدار بولدى.

528188
سۈرىيەدە پاناھلانغۇچىلار لاگىرى چاچما بومبا ھۇجۇمىغا ئۇچرىدى

 

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى:  سۈرىيەنىڭ ئىيوردانىيە چېگراسىغا يېقىن رۇۋەيشىدە رايونىدىكى ئەش شەرقىي پاناھلانغۇچىلار لاگىرىغا ئۇرۇش ئايروپىلانلىرى چاچما بومبا ھۇجۇمى ئېلىپ باردى.

ھۇجۇمدا 17 كىشى ھاياتىدىن ئايرىلىپ، 40 كىشى يارىدار بولدى.

يەرلىك مەنبەرلەردىن ئىگلەنگەن مەلۇماتلارغا كۆرە، لاگېرغا قىلىنغان 7 قېتىمىلىق چاچما بومبا ھۇجۇمىدا ھاياتىدىن ئايرىلغانلار ئارىسىدا ئاياللار ۋە كىچىك بالىلارمۇ بار ئىكەن.

7 قېتىم چاچما بومبا ھۇجۇمى ئېلىپ بارغان ئۇرۇش ئايروپىلانلىرى رۇسىيەگە تەۋە ئايروپىلانلارمۇ ياكى سۈرىيە ھۆكۈمىتى ئەسكەرلىرىگە تەۋە ئايروپىلانلارمۇ؟ بۇ ھەقتە تېخىچە ئېنىق مەلۇمات يوق.

يەنە بىر تەرەپتىن ئەسەد ئەسكەرلىرىگە تەۋە تىك ئۇچار ئايروپىلانلار ھەلەبنىڭ شىمالىدىكى كەفىر ھەمرا رايونىدا ئولتۇراق رايونلارغا ۋارىل بومبا ئاتتى.

ھۇجۇمدا ئۆلگەن ۋە يارىدار بولغانلارنىڭمۇ  بارلىقى ئىلگىرى سۈرۈلمەكتە.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر