رۇسىيەدە 6 ئاي ئىچىدە 14 مىڭ كىشى ئۆلتۈرۈلدى
رۇسىيە ئىچكى ئىشلار مىنىستىرلىقى بۇ يىلنىڭ ئالدىنقى يېرىمىدا 14 مىڭ كىشىنىڭ ئۆلتۈرۈلگەنلىكىنى بىلدۈردى.
528714
تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: رۇسىيە تەرىپىدىن ئېلان قىلىنغان ئىستاتىستىكىلىق مەلۇماتلارغا قارىغاندا، بۇ يىلقى جىنايەت سادىر قىلىش نىسبىتى بۇلتۇرقىنىڭ ئوخشاش مەزگىلدىكىگە سېلىشتۇرغاندا % 11.2 ئازايغان، بۇ يىلنىڭ ئالدىنقى يېرىمىدا 1.2 مىليون قېتىم جىنايەت سادىر قىلىنغان بولۇپ، ھەر ئىككى جىنايەتتىن بىرى بۇرۇن جىنايەت سادىر قىلغان كىشىلەر تەرىپىدىن سادىر قىلىنغان. % 35.1 جىنايەتلەر مەسلەر تەرىپىدىن سادىر قىلىنغان، جىنايەتلەرنىڭ يېرىمىنى تەشكىل قىلىدىغان ئوغرىلىق قىلىش قىلمىشلىرى % 1.4 كۆپىيىپ كەتكەن.