يەمەندىكى توقۇنۇشلاردا شىئەلەردىن 32 ئادەم ئۆلدى

يەمەندە ھۇسىي شىئەلەر بىلەن ھاكىمىيەت تەرەپدارلىرى ئوتتۇرىسىدا توقۇنۇش يۈز بېرىپ 32 ئادەم ئۆلدى.

527452
يەمەندىكى توقۇنۇشلاردا شىئەلەردىن 32 ئادەم ئۆلدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: يەمەندە ھۇسىيلار بىلەن ھاكىمىيەت تەرەپدارلىرى ئوتتۇرىسىدا توقۇنۇش يۈز بېرىپ 32 ئادەم ئۆلدى، ئونلارچە ئادەم يارىلاندى.

خەلق قارشىلىق كۆرسىتىش ھەرىكىتى باياناتچىسى ئابدۇللاھ ئەش-شەندەكى، Facebook ئادرىسىدىن ئۇچۇر تارقىتىپ دۆلەت ئارمىيەسى ۋە ئۇلارنى قوللايدىغان قارشىلىق كۆرسىتىش ھەرىكىتى بىلەن ھۇسىيلار ۋە ئۇلارنىڭ قوللىغۇچىسى بولغان ئاغدۇرۇۋېتىلگەن پىرىزېدېنت ئەلى ئابدۇللاھ سالىھ تەرەپدارلىرى ئوتتۇرىسىدا پايتەخت سەنئانىڭ شەرقىگە جايلاشقان نەھەم ناھىيەسىنىڭ جەبەل يام رايونىدا شىددەتلىك توقۇنۇش يۈز بەرگەنلىكىنى بىلدۈردى.

ھاكىمىيەت تەرەپدارلىرىنىڭ توقۇنۇش رايونىغا يېقىن جايدىكى جەبەل ئەل-قارن ناملىق جاينىڭ تىزگىنىنى قولغا ئالغانلىقلىرىنى بىلدۈرگەن شەندەكى، توقۇنۇشلاردا 28 نەپەر ھۇسىي مىلىتانىنڭ ئۆلتۈرۈلگەنلىكىنى، ئونلارچە مىلىتاننىڭ يارىلانغانلىقىنى قەيت قىلدى.

شەندەكى دۆلەت ئارمىيەسى بىلەن قارشىلىق كۆرسىتىش قىسىملىرىدىن 4 ئادەمنىڭ ئۆلگەنلىكىنى، 11 ئادەمنىڭ يارىلانغانلىقىنى ئېيتتى.

ئەل-بەيدا ناھىيەسىدە بولسا ھۇسىيلار تەرىپىدىن يول بويىغا ئورۇنلاشتۇرۇلغان مىنالارنىڭ پارتىلىشى نەتىجىسىدە خەلق قارشىلىق كۆرسىتىش ھەرىكىتىنىڭ بىر قوماندانىنىڭ ئۆلگەنلىكىمۇ بىلدۈرۈلدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر