ئامېرىكىدا  ئەدىلىيە بىناسىغا قوراللىق ھۇجۇم قىلىش ۋەقەسى يۈز بەردى

ئەدلىيە ساقچى باشلىقى پائۇل بايلەي، ۋەقەدىن كېيىن ئېلان قىلغان باياناتىدا، 2 نەپەر خادىمنىڭ ۋەقە ئەسناسىدا ھاياتدىن ئايرىلغانلىقىنى، يەنە بىر مۇئاۋىن ساقچى باشلىقىنىڭ يارىدار بولغانلىقىنى قەيت قىلدى.

527668
ئامېرىكىدا  ئەدىلىيە بىناسىغا قوراللىق ھۇجۇم قىلىش ۋەقەسى يۈز بەردى

 

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئامېرىكىنىڭ مىچىنگەن ئىشتاتىدا ئەدىلىيە بىناسىغا قىلىنغان قوراللىق ھۇجۇمدا 2 كىشى ھاياتىدىن ئايرىلدى.

بېررېن كونتىي ئەدلىيەسىگە شۇ يەرنىڭ ۋاقتى سائەت 14:30 ئەتراپىدا قوراللىق ھۇجۇم قىلىش ۋەقىسى يۈز بەردى.

بېررېن كونتىي ئەدلىيەسى ساقچى باشلىقى پائۇل بايلەي، ۋەقەدىن كېيىن ئېلان قىلغان باياناتىدا، 2 نەپەر خادىمنىڭ ۋەقە ئەسناسىدا ھاياتىدىن ئايرىلغانلىقىنى، يەنە بىر مۇئاۋىن ساقچى باشلىقىنىڭ يارىدار بولغانلىقىنى قەيت قىلدى.

ۋەزىيەتنىڭ كونتروللۇق ئاستىغا ئېلىنغانلىقىنى بىلدۈرگەن بايلەي، جىنايەتچىلەرنىڭ تۇقۇنۇش جەريانىدا ئۆلتۈرۈلگەنلىكىنى ئېلان قىلدى.

بايلەي ھۇجۇمنىڭ سەۋەبىنىڭ تېخىچە مەلۇم ئەمەسلىكىنى ئېيتتى.

مىچىنگەن ۋالىيسى رىك سىنايدېرمۇ تىۋېتتېر ھېسابىدىن ئېلان قىلغان بايناتىدا ھۇجۇم ھەققىدە تەكشۈرۈشلەرنىڭ باشلانغانلىقىنى بىلدۈردى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر