رۇسىيە ئۇرۇش ئايروپىلانلىرى پۇقرالارنى بومباردىمان قىلدى

مەسئۇللار يەنە، رۇسىيە ئۇرۇش ئايروپىلانلىرىنىڭ كەفىر ھەمرا رايونى بىلەن ئانادان ۋە ھىرەيتان ناھىيەلىرىنىمۇ بومباردىمان قىلغانلىقىنى بىلدۈردى.

526918
رۇسىيە ئۇرۇش ئايروپىلانلىرى پۇقرالارنى بومباردىمان قىلدى

 

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: رۇسىيە ئايورپىلانلىرىنىڭ ھەلەبنىڭ غەربىدىكى ئىبيىن ناھىيەسىدە ئېلىپ بارغان ھاۋا ھۇجۇمىدا 4 كىچىك بالا بىلەن قوشۇلۇپ، 19 گۇناھسىز پۇقرا ھاياتىدىن ئايرىلدى.

رۇسىيەنىڭ بومباردىمانچىلىقىدا يارىدار بولغان پۇقرالار ناھىيەدىكى چىدىر دوختۇرخانىلاردا بالنېستقا ئېلىندى.

ئالاقىدار مەسئۇللار نۇرغۇنلىغان ئولتۇراق جايلارنىڭ ئېغىر زىيانغا ئۇچرىغانلىقىنى قەيت قىلدى.

مەسئۇللار يەنە، رۇسىيە ئۇرۇش ئايروپىلانلىرىنىڭ كەفىر ھەمرا رايونى بىلەن ئانادان ۋە ھىرەيتان ناھىيەلىرىنىمۇ بومباردىمان قىلغانلىقىنى بىلدۈردى.

بۇ ناھىيەلەرگە قىلىنغان ھۇجۇمدا نۇرغۇنلىغان پۇقرا يارىدار بولدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر