باڭلادىشتا بىر دىنىي تېلېۋىزىيە قانىلى تاقىۋىتىلدى

ئۇردۇچە ۋە بىنگالچە تىللىرىدا تارقىتىش بېرىدىغان «Peace TV» قانىلى 1 - ئىيۇلدا بىر كوفىخانىدا يۈز بەرگەن ھۇجۇمدىن كېيىن باڭلادېش مەبۇئاتلىرى تەرىپىدىن تەقىپ قىلىنماقتا ئىدى.

527023
باڭلادىشتا بىر دىنىي تېلېۋىزىيە قانىلى تاقىۋىتىلدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: باڭلادېشتا دىنىي مەزمۇنلۇق تارقىتىش بېرىدىغان بىر تېلېۋىزىيە قانىلى، «قۇرغۇچىسى پايتەخت داككادا 1 – ئىيۇل يۈز بەرگەن ۋە 22 كىشىنىڭ ئۆلىمىگە سەۋەب بولغان ھۇجۇمنى تەرغىپ قىلدى» دېگەن ئەيىبلەشلەر بىلەن تاقىۋىتىلدى.

ئاخبارات ئىشلىرى مىنىستىرى ھەسەنۇل ھەق ئىنۇ، دۈبەيدىن تارقىتىش بېرىدىغان «Peace TV» قانىلىنىڭ تاقىۋېتىلىشى ئۈچۈن رەسمىي قەدەملەرنىڭ تاشلانغانلىقىنى ئېلان قىلدى.

ئۇردۇچە ۋە بىنگالچە تىللىرىدا تارقىتىش بېرىدىغان «Peace TV» قانىلى 1 - ئىيۇلدا بىر كوفىخانىدا يۈز بەرگەن ھۇجۇمدىن كېيىن باڭلادېش مەبۇئاتلىرى تەرىپىدىن تەقىپ قىلىنماقتا ئىدى.

«bdnews24.com» ناملىق بىر تور گېزىتى، باڭلادېش ئىستىخبارات تەشكىلاتىنىڭ مەركىزى ئىشخانىسى مۇمبايدا تۇرۇشلۇق ئىسلامىي تەتقىقات  جەمئىيىتىنىڭ رەھبىرى ۋە قۇرغۇچسى شۇنداقلا  «Peace TV» قانىلىنىڭمۇ قۇرغۇچىسى زاكىر نائىقنىڭ ھۇجۇمچىلارغا ئىلھام بەرگەنلىكىگە ئىشنىدىغانلىقىنى يازغان ئىدى.

زاكىر نائىق بولسا، «ئەگەر ھۇجۇم قىلغۇچىلار دىنىي تەبلىغلەرنى ئاڭىلغان تەقدىردىمۇ، بۇ ھەرگىز ئۇلارنىڭ تەبلىغدىكى تەلىماتلارنى قوبۇل قىلغانلىقىنى بىلدۈرمەيدۇ» دېيىش ئارقىلىق ئەيىبلەشلەرنى رەت قىلغان ھەمدە ئىجتىمائىي تاراتقۇ ھېسابىدا 14 مىليون تەقىپ قىلغۇچىسىغا خىتاب قىلىپ، بۇ ئەيىبلەشلەرگە قارشى ئۆزىنى قوللاپ – قۇۋۋەتلەشىنى تەلەپ قىلغان ئىدى.

بولۇپمۇ باشقا دىنلار ھەققىدىكى تالاش - تارتىشلىق ئېىنكاسلىرى سەۋەبىدىن كۆپىنچە تەنقىدكە ئۇچراپ كېلىۋاتقانلىقى بىلەن تونۇلغان زاكىر نائىقنىڭ بۇنىڭدىن ئىلگىرى ئەنگلىيە ۋە كاناداغا كىرىشىگە رۇخسەت قىلىنمىغانلىقى بىلدۈرۈلدى.

باڭلادېشنىڭ پايتەختى داككادىكى ھۇجۇمدا 18 چەت ئەللىك بولۇپ، جەمئىي 22 كىشى ئۆلگەن ئىدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر