ئافغانىستاندا 31 نەپەر دائېش ئەزاسى ئۆلتۈرۈلدى
يېقىنقى 24 سائەت ئىچىدە ھەم ھاۋادىن، ھەم قۇرۇغلۇقتىن ئېلىپ بېرىلغان ھەرىكەتتە 31 دائېش ئەزاسى ئۆلگەندىن سىرت 2 دائېش ئەزاسىنىڭ يارىدار بولغانلىقى قەيت قىلىندى.
تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئافغانىستاننىڭ نانگارھار ۋىلايىتىدە تېررورلۇق تەشكىلاتى دائېشقا قارشى ئېلىپ بېرىلغان ھەرىكەتتە 31 دائېش ئەزاسى ئۆلتۈرۈلدى.
دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىقىدىن ئېلان قىلىنغان باياناتتا، ئافغانىستاننىڭ شىمالىدىكى نانگارھارغا قاراشلىق كوت ناھىيەسىدە دائېشقا قارشى جىددىي ھەربىي ھەرىكەتلەرنىڭ داۋاملىشىۋاتقانلىقى بىلدۈرۈلدى.
يېقىنقى 24 سائەت ئىچىدە ھەم ھاۋادىن، ھەم قۇرۇغلۇقتىن ئېلىپ بېرىلغان ھەرىكەتتە 31 دائېش ئەزاسى ئۆلگەندىن سىرت 2 دائېش ئەزاسىنىڭ يارىدار بولغانلىقى قەيت قىلىندى.
يەنە بىر تەرەپتىن ئافغانىستاننىڭ ئوخشاش بولمىغان جايلىرىدا يېقىنقى 24 سائەت ئىچىدە ئېلىپ بېرىلغان تالىبانغا قارشى ھەربىي ھەرىكەتلەردىمۇ 8 مىلىتاننىڭ ئۆلتۈرۈلگەنلىكى ۋە نۇرغۇن ساندا ئوق – دورىنىڭ قولغا چۈشۈرۈلگەنلىكى ئەسكەرتىلدى.
باياناتتا، ھەربىي ھەرىكەت جەريانىدا 2 نەپەر ئامانلىقنى ساقلاش خادىمىنىڭمۇ ھاياتىدىن ئايرىلغانلىقى قەيت قىلىندى.