دائېش سۈرىيەنىڭ تىك ئۇچار ئايروپىلانىنى ئېتىپ چۈشۈردى

رۇسىيە دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىقىدىن ئېلان قىلىنغان باياناتتا، سۈرىيە ئارمىيەسىگە تەۋە تىك ئۇچار ئايروپىلاننىڭ ئېتىپ چۈشۈرۈلىشى تۈپەيلىدىن رۇسىيە ئۇچقۇچىلىرىنىڭ ئۆلگەنلىكى بىلدۈرۈلدى.

526446
دائېش سۈرىيەنىڭ تىك ئۇچار ئايروپىلانىنى ئېتىپ چۈشۈردى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: تېررورلۇق تەشكىلاتى دائېش، سۈرىيەدە سۈرىيە ھۆكۈمتىگە تەۋە تىك ئۇچار ئايروپىلاننى ئېتىپ چۈشۈردى.

ئايروپىلاندىكى 2 نەپەر رۇسىيەلىك ئۇچقۇچى ئۆلدى.

رۇسىيە دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىقىدىن ئېلان قىلىنغان باياناتتا، سۈرىيە ئارمىيەسىگە تەۋە تىك ئۇچار ئايروپىلاننىڭ ئېتىپ چۈشۈرۈلىشى تۈپەيلىدىن رۇسىيە ئۇچقۇچىلىرىنىڭ ئۆلگەنلىكى بىلدۈرۈلدى.

تىك ئۇچار ئايروپىلان سۈرىيەنىڭ پالمىرا شەھىرى ئەتراپىدا تۆۋەندىن ئوققا تۇتۇش نەتىجىسىدە كونتروللۇقىنى يوقۇتۇپ چۈشۈپ كەتتى.

 



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر