خىتاي: خەلقئارا بىزنى جەنۇبىي خىتاي داۋاسىنى قوبۇل قىلىشقا مەجبۇرلىيالمايدۇ
خىتاي تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى باياناتچىسى خوڭ لېي خىتاينىڭ جەنۇبىي خىتاي داۋاسىنى قەتئىي قوبۇل قىلمايدىغانلىقىنى بىلدۈردى.
خىتاي تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى باياناتچىسى خوڭ لېي خىتاينىڭ جەنۇبىي خىتاي دېڭىز داۋاسىنى قوبۇل قىلماسلىق پوزىتسىيەسىنىڭ ئۆزگەرمەيدىغانلىقىنى، دىپلوماتىيە ۋە خەلقئارا جەمئىيەتنىڭ بېسىمى بىلەن خىتاينىڭ جەنۇبىي خىتاي دېڭىزى داۋاسىنى قوبۇل قىلىشقا مەجبۇرلىنىشىنىڭ «خىيال»ئىكەنلىكىنى بىلدۈردى.
ئامېرىكا مۇداپىئە مىنىستىرلىقىدىكى مەلۇم بىر ئەمەلدار 7-ئىيۇلدا قىلغان سۆزىدە يېقىندا ئېلان قىلىنىدىغان سوت قارارىنىڭ رايوندا قانۇنغا ياكى كۈچكە تايانغان تەرەققىياتنىڭ مۇھىم ئىپادىسى بولىدىغانلىقىنى ئېيتقانىدى.
خىتاي خەلقئارا رادىيوسىنىڭ بۇ ھەقتىكى خەۋىرىگە قارىغاندا، ئامېرىكىلىق بۇ ئەمەلدار ئامېرىكىنىڭ خىتاي ۋە فىلىپپىننى سوت قارارىغا رىئايە قىلىپ كۈشكۈرتىش ۋە ئىغۋاگەرلىك قىلمىشلىرىدىن يىراق تۇرۇشقا چاقىرغانلىقىنى بىلدۈرگەن.
مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر
نىگېرىيەدە بىر جامەدە پارتلاش يۈز بېرىپ 11 ئادەم قازا قىلدى
نىگېرىيەنىڭ كانو ئۆلكىسىدىكى بىر جامەدە يۈز بەرگەن پارتلاشتا 11 ئادەم ھاياتىدىن ئايرىلدى.