ئامېرىكا پىرىزېدېنت نامزاتى ھىلارى كىلىنتون تەكشۈرۈلمەكتە

ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرىنىڭ سابىق تاشقى ئىشلار مىنىستىرى ھىلارى كىلىنتون ئۈستىدە تەكشۈرۈش ئېلىپ بېرىلماقتا.

525552
ئامېرىكا پىرىزېدېنت نامزاتى  ھىلارى كىلىنتون تەكشۈرۈلمەكتە

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرىدا 8-نويابىردا ئۆتكۈزۈلىدىغان پىرىزېدېنتلىق سايلىمىدا دېموكراتىك پارتىيەنىڭ نامزات نامزاتى ھىلارى كىلىنتون، تاشقى ئىشلار مىنىسترى بولۇپ ۋەزىپە ئۆتىگەن ۋاقتىدا ئىلخەت ئالاقىلىرىدا خۇسۇسىي ئىلخەت ئادرىسىنى ئىشلىتىشى سەۋەبىدىن دەسلەپ ئەدلىيە مىنىستىرلىقىدا ئارقىدىن تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقىدا سوراققا تارتىلىدۇ.

ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرى تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى باياناتچىسى جون كىرباي، تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقىنىڭ ئاپرېل ئېيىدا فېدراتىپ تەكشۈرۈش ئىدارىسى بىلەن ئەدلىيە مىنىستىرلىقىنىڭ تەكشۈرۈش خىزمەتلىرىگە توغرا كەلمەسلىكى ئۈچۈن توختىپ قويغان تەكشۈرۈش خىزمەتلىرىنى قايتىدىن باشلايدىغانلىقلىرىنى بىلدۈردى.

كىرباي، كىلىنتونىڭ تاشقى ئىشلار مىنىستىرى بولۇپ ۋەزىپە ئۆتىگەن ۋاقتىدا بىرلىكتە خىزمەت قىلغان كىشىلەرنىڭمۇ تەكشۈرۈلىدىغانلىقىنى ئەسكەرتتى.

فېدراتىپ تەكشۈرۈش ئىدارىسى بىلەن ئامېرىكا ئەدلىيە مىنىستىرلىقى كىلىنتوننىڭ تاشقى ئىشلار مىنىستىرى بولۇپ ۋەزىپە ئۆتىگەن ۋاقتىدا  خۇسۇسىي ئىلخەت ئادرىسىدىن پايدىلىنىپ مەكتۇپلاشقاندا مۇھىم مەلۇماتلارنى ئۆزىنىڭ شەخسىي مەنپەئەتى ئۈچۈن ئىشلىتىپ ئىشلەتمىگەنلىكى ئۈستىدە تەكشۈرۈش ئېلىپ بارغانىدى.

ئەدلىيە مىنىستىرلىقى بولسا تەكشۈرۈش خىزمىتى دائىرىسىدە كىلىنتون قاتارلىق ھېچكىمنىڭمۇ خاتالىق سادىر قىلمىغانلىلقلىرىغا ھۆكۈم قىلغانىدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر