ئامېرىكا جەنۇبىي كورىيەگە باشقۇرۇلىدىغان بومبا مۇداپىئە سىستېمىسى ئورۇنلاشتۇرىدۇ

ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرى جەنۇبىي كورىيەگە ئىلغار باشقۇرۇلىدىغان بومبا مۇداپىئە سىستېمىسى ئورۇنلاشتۇرىدۇ.

525701
ئامېرىكا جەنۇبىي كورىيەگە باشقۇرۇلىدىغان بومبا مۇداپىئە سىستېمىسى ئورۇنلاشتۇرىدۇ

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرى شىمالىي كورىيەنىڭ تەھدىتىگە تاقابىل تۇرۇش ئۈچۈن جەنۇبىي كورىيەگە ئىلغار باشقۇرۇلىدىغان بومبا مۇداپىئە سىستېمىسى ئورۇنلاشتۇرىدۇ.

جەنۇبىي كورىيەنىڭ بۇ ھەقتە ئېلان قىلغان باياناتىدا، شىمالىي كورىيەنىڭ يادرو قوراللىرىنىڭ رايون ئۈچۈن زور تەھدىت شەكىللەندۈرۈشى سەۋەبىدىن باشقۇرۇلىدىغان بومبا مۇداپىئە سىستېمىسىنىڭ ئەڭ قىسقا ۋاقىت ئچىىدە ئورۇنلاشتۇرۇلىدىغانلىقى بىلدۈرۈلدى.

رايونلۇق يۇقىرى ئۇچۇش ھاۋا مۇداپىئەسى ناملق سىستېمىنى جەنۇبىي كورىيەگە ئورۇنلاشتۇرۇش قارارىغا خىتاي بىلەن رۇسىيە نارازىلىق بىلدۈردى.

ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرى شىمالىي كورىيە رەھبىرى كىم جۇڭ ئۇن توغرۇلۇق ئېمبارگو يۈرگۈزۈشنى قارار قىلغاندىن كېيىنلا، جەنۇبىي كورىيەگە باشقۇرۇلىدىغان بومبا مۇداپىئە سىستېمىسى ئورۇنلاشتۇرۇشنى بېكىتتى.

شىمالىي كورىيە كىم جۇڭ ئۇنغا ئېمبارگو يۈرگۈزۈش قارارىنىڭ ئۇرۇش ئېلانى بولىدىغانلىقىنى ئۇقتۇردى.

پىيوڭياڭ ھاكىمىيىتى ئېمبارگو قارارىنىڭ شىمالىي كورىيە بىلەن ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرى ئوتتۇرىسىدىكى بارلىق دىپلوماتىك قاناللارنىڭ ئۈزۈلۈشىدىن دېرەك بېرىدىغانلىقىنى جاكارلىدى.

مەلۇم بىر شىۋېتسىيە گېزىتى ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرى بىلەن شىمالىي كورىيە دىپلوماتلىرىنىڭ سىتوكھولۇمغا يېقىن بىر جايدا ئىككى كۈن داۋاملاشقان يوشۇرۇن سۆھبەتلەر ئۆتكۈزگەنلىكىنى ئىلگىرى سۈرگەنىدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر