رۇسىيە سۈرىيەدىكى ھېيتلىق ئۇرۇش توختىتىشقا خىلاپلىق قىلدى

رۇسىيە ئايروپىلانلىرى ئۇرۇش توختىتىشقا خىلاپلىق قىلىپ ئىدلىبنى بومباردىمان قىلدى.

524956
رۇسىيە سۈرىيەدىكى ھېيتلىق ئۇرۇش توختىتىشقا خىلاپلىق قىلدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: سۈرىيەدە ھۆكۈمەت تەرەپ روزا ھېيت مۇناسىۋىتى بىلەن ۋاقىتلىق ئۇرۇش توختىتىش ئېلان قىلغانلىقىغا قارىماستىن، رۇسىيە ئايروپىلانلىرىنىڭ ئۇرۇش توختىتىشقا خىلاپلىق قىلغان ھالدا ئىدلىبتە ئېلىپ بارغان بومباردىمانچىلىقىدا 3 كىچىك بالا ھاياتىدىن ئايرىلدى ۋە 17 كىشى يارىدار بولدى.

سۈرىيەدە ھۆكۈمەت 72 سائەتلىك ئۇرۇش توختىتىش ئېلان قىلغان بولۇپ، رۇسىيە ئارمىيەسى ئىدلىبنىڭ غەربىدىكى جەسرى ئەش سۇغۇر ناھىيەسىدىكى ئولتۇراق رايوننى بومباردىمان قىلىش ئارقىلىق ئۇرۇش توختىتىشقا خىلاپلىق قىلدى.

رۇسىيە ئەسكەرلىرى ناھىيەدىكى بىر چىدىر دوختۇرخانىنىمۇ بومباردىمان قىلدى. دوختۇرخانا ئېغىر زىيانغا ئۇچرىدى.  

ئەسەد ھۆكۈمىتى روزا ھېيىت مۇناسىۋىتى بىلەن 2016 – يىلى 6 – ئىيۇل كەچ سائەت 01:00 دىن 2016- يىلى 8- ئىيۇل كەچ سائەت 00:00 گىچە پۈتۈن دۆلەت مىقياسى بويىچە 72 سائەتلىك ئۇرۇش توختاتقانلىقىنى ئېلان قىلغان ئىدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر