ئامېرىكا ئىسرائىلىيەگە نارازىلىق بىلدۈردى

ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرى ئىسرائىلىيەنىڭ شەرقىي قۇددۇس ۋە غەربىي قىرغاق توغرىسىدىكى قارارلىرىغا نارازىلىق بىلدۈردى.

524462
ئامېرىكا ئىسرائىلىيەگە نارازىلىق بىلدۈردى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئىسرائىلىيەنىڭ شەرقىي قۇددۇس ۋە غەربىي قىرغاقتا يېڭى كۆچمەنلەر ئاھالىلەر رايونلىرىنى تەسىس قىلىدىغانلىقىنى ئۇقتۇرۇشى ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرىنىڭ نارازىلىقىنى قوزغىدى.

ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقىنىڭ باياناتچىسى جون كىرباي، «بۇ ھەرىكەتلەر ئىسرائىلىيەنىڭ ئۇزۇن مەزگىللىك پىلانلىرى ھەققىدە جىددىي سوئال ئىشارەتلىرىنى پەيدا قىلماقتا» دېدى. كىرباي كۈندىلىك مۇخبىرلارنى كۈتۈۋېلىش يىغىنىدا، ئىسرائىلىيە ھۆكۈمىتىنىڭ پەلەستىن زېمىنلىرىدا 800 يېڭى ئاھالىلەر رايونىنىڭ قۇرۇلىدىغانلىقىنى ئېلان قىلىشىنى ئەندىشە ئىچىدە كۈزىتىۋاتقانلىقلىرىنى سۆزلىرىگە ئىلاۋە قىلدى.

غەربىي قىرغاق ۋە شەرقىي قۇددۇس رايونلىرىدا 750 مىڭ ئىسرائىلىيەلىك كۆچمەننىڭ ياشاۋاتقانلىقىنى ئەسكەرتكەن كىرباي، بۇ خىل قەدەملەرنىڭ پەلەستىن مەسىلىسىنى ئىككى دۆلەتلىك ھەل قىلىش تىرىشچانلىقلىرىغا خىزمەت قىلمايدىغانلىقىنى تەكىتلىدى.

ئىسرائىلىيە ھۆكۈمىتى، يەكشەنبە كۈنى يېڭى ئاھالىلەر رايونلىرىنىڭ تەسىس قىلىنىشى ئۈچۈن كېرەكلىك قانۇنىي ئىجازەتنامىلەرنىڭ چىقىرىلغانلىقىنى ئېلان قىلغانىدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر