پاكىستاندا كەلكۈن ئاپىتى مەيدانغا كېلىپ 30 ئادەم قازا قىلدى

پاكىستاننىڭ چىترال رايونىدا كەلكۈن ئاپىتى مەيدانغا كېلىپ 30 ئادەم قازا قىلدى.

523127
پاكىستاندا كەلكۈن ئاپىتى مەيدانغا كېلىپ 30 ئادەم قازا قىلدى
çin kömür madeni su baskını.jpg

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: پاكىستاننىڭ شىمالىغا جايلاشقان چىترال رايونىدا مەيدانغا كەلگەن كەلكۈن  ئاپىتىدە 30 ئادەم قازا قىلدى.

چىترال يەرلىك ھۆكۈمەت باشلىقى مەغفىرەت شاھ مۇسون يامغۇرلىرىنىڭ كەلكۈن ئاپىتى كەلتۈرۈپ چىقارغانلىقىنى، كەلكۈندە بىر جامە بىلەن نۇرغۇن ئۆينىڭ سۇ ئاستىدا قالغانلىقىنى ئۇقتۇردى.

ناچار ھاۋا شارائىتلىرىنىڭ قۇتقۇزۇش خىزمەتلىرىگە توسالغۇ بولىۋاتقانلىقىنى تەكىتلىگەن شاھ، قازا قىلغانلارنىڭ سالاھىيىتىنىڭ ئېنىقلانغانلىقىنى بىلدۈردى.

ئاپەتكە تاقابىل تۇرۇش ئىدارىسىنىڭ باياناتچىلىرىدىن يۇسۇف زىيا ئىزدەش قۇتقۇزۇش ئەترەتلىرىنىڭ سۇدا ئاستىدا قالغان جامەدىن 7 كىشىنىڭ جەسىتىنى تېپىپ چىققانلىقلىرىنى  بىلدۈردى.

پاكىستاننىڭ شەرقىي شىمالىغا جايلاشقان ئافغانىستان چېگرىسىدىكى تاغلىق چىترال رايونىدا، بۇلتۇر ئىيۇلدا دەريالارنىڭ تېشىپ كېتىشى نەتىجىسىدە 30 ئادەم قازا قىلغان، ئونلارچە ئۆي سۇ ئاستىغا قېلىپ، نۇرغۇن تاختاي كۆۋرۈك ۋەيران بولغانىدى.

بۇنىڭدىن باشقا، خىتاينىڭ شەنشى ئۆلكىسىنىڭ جىنچىڭ شەھىرىدىمۇ بىر كۆمۈر كېنى سۇ ئاستىدا قېلىپ 12 ئادەم ئۆلدى.

شىنخۇا ئاگېنتلىقىنىڭ بۇ ھەقتىكى خەۋىرىگە قارىغاندا، كۆمۈر كېنىدىكى 82 ئادەم قۇتقۇزۇپ قېلىنغان. ئىزدەش-قۇتقۇزۇش ئەترەتلىرىنىڭ ئاپەت رايوندىكى خىزمەتلىرى داۋاملاشماقتا.

كۆمۈر كېنى ۋەقەسى ئۈستىدە تەكشۈرۈش خىزمەتلىرى باشلىدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر