دائېشچىلار باڭلادېشتا 17 چەت ئەللىكنى قەتلى قىلدى

دائېشچىلار باڭلادېشتا 17 چەت ئەللىكنى قەتلى قىلدى

523030
دائېشچىلار باڭلادېشتا 17 چەت ئەللىكنى قەتلى قىلدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: باڭلادېشنىڭ پايتەختى داككادىكى دىپلوماتىك رايوندىكى بىر رېستوراندا تەخمىنەن 35 كىشى گۆرۈگە ئېلىنىۋېلىنغان ھەرىكەتتە، قەتلى قىلىنغان 20 كىشىدىن 7سىنىڭ ياپون ئىكەنلىكى بىلدۈرۈلدى.

ياپونىيە ھۆكۈمىتى باياناتچىسى يوشىھىدې سۇگا ھۇجۇمدا 5 ئەر، 2 ئايال بولۇپ جەمئىي 7 ياپون پۇقراسىنىڭ ئۆلگەنلىكىنى ئۇقتۇردى.

ياپونىيە ھۆكۈمىتىنىڭ داككادا ئېلىپ بېرىۋاتقان ياردەم لايىھە خىزمەتلىرىدە مەسلىھەتچى بولۇپ ئىشلەۋاتقان 8ياپونىيە پۇقراسىنىڭ ۋەقە ئەسناسىدا رېستوراندا ئىكەنلىكى، دائېشچىلار بۇ ئەسنادا رېستورانغا بېسىپ كىرىپ ئۇلار قوشۇلۇپ رېستوراندىكىلەرنى گۆرۈگە ئالغانلىقى، بۇنىڭغا قارىتا قۇتقۇزۇش ھەرىكىتىدە قۇتقۇزۇپ قېلىنغان يارىلانغان بىر ياپوننىڭ دوختۇرخانىدا داۋالىنىۋاتقانلىقى بىلدۈرۈلدى.

ھازىرغىچە ھۇجۇمدا ئۆلگەنلەر ئىچىدە 9 ئىتالىيەلىك، 7 ياپونىيەلىك ۋە 1 ھىندىستانلىق بارلىقى مۇئەييەنلەشتۈرۈلدى.

دائېش تېررورچىلىرى ئەلچىخانا بىنالىرىمۇ بولغان گۈلشەن رايوندىكى بىر رېستورانغا ھۇجۇم قوزغاپ، يۈزلەرچە خەۋپسىزلىك خادىملىرى بىلەن ھەربىي ئاپتوموبىللارمۇ قاتناشتۇرۇلغان ھەربىي ھەرىكەت ئەسناسىدا 20 گۆرۈگە ئېلىنغۇچىنى ئۆلتۈرگەنىدى.  

ئالاقىدار مەسئۇللار زوراۋانلارنىڭ بىرىنىڭ نازارەت ئاستىغا ئېلىنغانلىقىنى، 6سىنىڭ ئۆلتۈرۈلگەنلىكىنى، 13 گۆرۈگە ئېلىنغۇچىنىڭ قۇتقۇزۇپ قېلىنغانلىقىنى ئۇقتۇردى.

گۆرۈگە ئېلىنغۇچىلارنىڭ سالاھىيىتى ئېلان قىلىنمىدى، زوراۋانلار بىلەن توقۇنۇشقان ساقچىلاردىن 2سى ئۆلدى، تەخمىنەن 30 ساقچى يارىلاندى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر