تەيۋەن خاتا ھالدا بىر باشقۇرۇلىدىغان بومبا قويۇپ بەرگەنلىكىنى ئىلگىرى سۈردى

تەيۋەن خاتا ھالدا قويۇپ بەرگەن باشقۇرۇلىدىغان بومبا بىر بېلىقچى كېمىسىنىڭ يېنىغا چۈشتى. ۋەقەدە بىر كىشى ھاياتىدىن ئايرىلدى، ئۈچ كىشى يارىلاندى.

522405
تەيۋەن خاتا ھالدا بىر باشقۇرۇلىدىغان بومبا قويۇپ بەرگەنلىكىنى ئىلگىرى سۈردى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: تەيۋەن دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىقى خاتا ھالدا قويۇپ بېرىلگەن باشقۇرۇلىدىغان بومبا توغرىسىدا بايانات ئېلان قىلدى. باياناتتا، چىنچياڭ ناملىق چارلاش پاراخوتىنىڭ خاتا ھالدا «3 – Xiong Feng » ناملىق باشقۇرۇلىدىغان بومبىنى قويۇپ بەرگەنلىكى ئەسكەرتىلدى. باياناتتا، پېڭخۇ ئاراللىرىغا 75 كىلومېتىر كېلىدىغان دېڭىز تەۋەلىكىدە تەيۋەننىڭ بىر بېلىقچى كېمىسىنىڭ يېنىغا چۈشكەن باشقۇرۇلىدىغان بومبىنىڭ، كېمە كاپىتانىنىڭ ئۆلۈمى ۋە ئۈچ كىشىنىڭ يارىلىنىشىنى كەلتۈرۈپ چىقارغانلىقى قەيت قىلىندى.

دەسلەپكى تەكشۈرۈشلەردە، باشقۇرۇلىدىغان بومبا ئوپېراتورلىرىنىڭ تەرتىپكە ئۇيغۇن ھەرىكەت قىلمىغان بولۇش ئېھتىمالىنىڭ يۇقىرىلىقى بىلدۈرۈلدى.

 باياناتتا كۆرسىتىلىشىچە، تەيۋەن دېڭىز ئارمىيەسىنىڭ باشقۇرۇلىدىغان بومبىنى ئىزدەش ئۈچۈن رايونغا تىك ئۇچار ۋە ھەربىي پاراخوتلارنى ئەۋەتكەن.

ۋەقەنىڭ خىتاي كوممۇنىستىك پارتىيەسى قۇرۇلغانلىقىنىڭ 95 يىللىقىغا توغرا ئالاھىدە دىققەت قوزغىدى.   



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر