ئېنېرگىيە مىنىستىرى ئالبايراك بىلەن نۇر بەكرىنىڭ كۆرۈشۈشى نېمىدىن دېرەك بېرىدۇ؟

ئېنېرگىيە ۋە تەبىئى بايلىقلار مىنىستىرى بەرات ئالبايراك بىلەن خىتاي دۆلەتلىك ئېنېرگىيە ئىدارىسى مۇدىرى نۇر بەكرى بىلەن يەنە كۆرۈشتى.

521244
ئېنېرگىيە مىنىستىرى ئالبايراك بىلەن نۇر بەكرىنىڭ كۆرۈشۈشى نېمىدىن دېرەك بېرىدۇ؟

تۈركىيەدىكى مەلۇم بىر گېزىتتە خەۋەر قىلىنىشچە، ئېنېرگىيە ئىشلىرى ئالبايراك بېيجىڭغا بېرىپ خىتاي دۆلەتلىك ئېنېرگىيە ئىدارىسى مۇدىرى نۇر بەكرى بىلەن يادرو ئېنېرگىيە ساھەسى بويىچە ھەمكارلىشىش ئۈچۈن كېلىشكەن.

ئېنېرگىيە تەۋە تەبىئىي بايلىقلار مىنىستىرى بەرات ئالبايراك بىلەن خىتاي دۆلەتلىك ئېنېرگىيە ئىدارىسى مۇدىرى نۇر بەكرى يادرو ئېنېرگىيە ساھەسى بويىچە يادرو تېخنولوگىيەلەر ۋە ئۆز-ئارا يادرو ھەمكارلىقنى كۈچەيتىدىغانلىقلىرىنى بىلدۈردى.

پايتەخت بېيجىڭدىكى گ-20 دۆلەت گۇرۇھى ئېنېرگىيە ئىشلىرى مىنىستىرلىرى يىغىنى ئۈچۈن خىتايغا بارغان مىنىستىر ئالبايراك، يىغىننىڭ ئېچىلىش مۇراسىمىغا ئىشتىراك قىلدى. ئېچىلىشتا خاتىرە  سۈرەت چۈشۈلگەندىن كېيىن ئالبايراك ئالاقىدار رەھبەرلەر بىلەن كۆرۈشتى.

ئۇچرىشىش ئەسناسىدا خىتاي دۆلەتلىك ئېنېرگىيە ئىدارىسى مۇدىرى نۇر بەكرى بىلەن كۆرۈشكەن ئالبايراك، ئېنېرگىيە ساھەسى بويىچە مۇھىم كېلىشىملەرنى ئىمزالاشتى.

ئالبايراك تۈركىيەدىكى كۆمۈر ۋە يېڭىلىنىدىغان ئېنېرگىيە بايلىقلىرى قاتارلىق ئېنېرگىيە ساھەلىرىدىكى مەبلەغ پۇرسەتلىرىنى چۈشەندۈرۈپ، خىتاي شىركەتلىرىنى تۈركىيەگە مەبلەغ سېلىشقا تەكلىپ قىلدى.

ئىككى كۈنلۈك ئۇچرىشىشلار كەچلىك زىياپەت بىلەن ئاخىرلاشقاندىن كېيىن، ئالبايراك بۈگۈنمۇ «خەلقئارا ئېنېرگىيە تەرەققىياتى ئۈچۈن ئارزۇ-ئۈمىدلەر، پۇرسەتلەر ۋە تەھدىتلەر»ناملىق يىغىننىڭ رىياسەتچىلىكىنى ئۈستىگە ئېلىش بىلەن بىرگە، يىغىندا ئېنېرگىيە ئىستىراتېگىيەلەر توغرۇلۇق سۆز قىلىدۇ.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر