ئافغانىستاندا دائېشقا قارشى ھەربىي ھەرىكەت ئېلىپ بېرىلىپ 40 مىلىتان ئۆلتۈرۈلدى

ئافغانىستاننىڭ نانگارھار ئۆلكىسىدە دائېشقا قارشى ھاۋا ۋە قۇرۇقلۇقتىن ھەربىي ھەرىكەت ئېلىپ بېرىلىپ 40تىن ئارتۇق مىلىتاننىڭ ئۆلتۈرۈلگەنلىكى بىلدۈرۈلدى.

519980
ئافغانىستاندا دائېشقا قارشى ھەربىي ھەرىكەت ئېلىپ بېرىلىپ 40  مىلىتان ئۆلتۈرۈلدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئافغانىستاننىڭ نانگارھار ئۆلكىسىدە تېررورلۇق تەشكىلاتى دائېشقا قارشى ھەربىي ھەرىكەت ئېلىپ بېرىلىپ، 40 دائېش مىلىتانى ئۆلتۈرۈلدى.

ئافغانىستان مۇداپىئە مىنىستىرلىقى تەرىپىدىن بۇ ھەقتە ئېلان قىلىنغان باياناتتا، ئافغانىستاننىڭ شەرقىگە جايلاشقان نانگارھارنىڭ كوت ناھىيەسىدە دائېشقا قارشى ئېلىپ بېرىلغان ھەربىي ھەرىكەتلەرنىڭ داۋاملىشىۋاتقانلىقى، 24 سائەت ئىچىدە ھاۋا ۋە قۇرۇقلۇقتىن ئېلىپ بېرىلغان ھەربىي ھەرىكەتلەردە بولسا 40 تېررورچىنىڭ ئۆلتۈرۈلگەنلىكى بىلدۈرۈلدى.

ھەربىي ھەرىكەتتە 44 دائېش ئەزاسىنىڭ يارىلانغانلىقى، 5 يېزىنىڭ تەشكىلاتتىن قايتۇرۇپ ئېلىنغانلىقى قەيت قىلىندى.

ھەربىي ھەرىكەتلەردە يەرلىك ئاھالىنىڭ زىيانغا ئۇچرىمىغانلىقى تەكىتلەنگەن باياناتتا، رايونغا يېڭى ساقچى پونكىتلىرىنىڭ قۇرۇلىدىغانلىقى ئۇقتۇرۇلدى.

دائېشنىڭ جۈمە كۈنى كوت ناھىيەسىگە ھۇجۇم قىلىشىدىن كېيىن رايوندا ھاۋا ۋە قۇرۇقلۇقتىن ھەربىي ھەرىكەت ئېلىپ بېرىلىشىقا باشلىغانىدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر