ئىستېپا بېرىش سىياسىي داۋالغۇشنى كەلتۈرۈپ چىقاردى
ئەنگلىيەدە ئۆتكۈزۈلگەن رېفېراندۇمدا ياۋروپا ئىتتىپاقىدىن ئايرىلىش قارارى چىققاندىن كېيىن، دۆلەت ئىچىدە سىياسىي داۋالغۇش كۈچەيدى.
تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئەنگلىيەدە باش ۋەزىر كامېرون بىلەن باشلانغان ئىستېپا بېرىش، ئاساسىي ئۆكتىچى پارتىيە بولغان ئىشچى پارتىيەسىدىمۇ باشلاندى.ئەنگلىيە سىياسىتىدە ئاساسىي ئۆكتىچى پارتىيەنىڭ كابېنتى دەپ قارىلىدىغان «قورچاق كابېنت» تا، بىر كىشىنىڭ ۋەزىپىسىدىن ئېلىپ تاشلىنىشى بىلەن 10 پارلامېنت ئەزاسى ئىستېپاسىنى سۇندى.
ئەنگلىيە ئىشچى پارتىيەسىنىڭ رەئىسى جېرېمى كوربىن رېفېراندۇمدىن كېيىن، پارتىيە ئىچىدە ئالدىنقى قاتاردا تۇرىدىغان كىشىلەردىن ھىلارى بېننى ۋەزىپىسىدىن ئېلىپ تاشلىغان ئىدى. بېن ۋەزىپىسىدىن قالدۇرۇلغاندىن كېيىن، كابېنت ئەزالىرى ئارقا – ئارقىدىن ئىستېپا سۇندى. ئەنگلىيەنىڭ ياۋروپا ئىتتىپاقىدا قېلىشىنى قوللىغان ئىشچى پارتىيەسىنىڭ رەئىسى جېرېمى كوربىن سەپەرۋەرلىك پائالىيەتلىرىنى يېتەرلىك دەرىجىدە قوللىماسلىق بىلەن ئەيىبلەنمەكتە. ئشىچى پارتىيەسىنىڭ بەزى ۋەكىللىرى 67 ياشلىق رەھبىرى توغرىسىدا ئىشەنچ سايلىمى ئۆتكۈزۈشنى تەلەپ قىلغان ئىدى.