رۇسىيە سۈرىيەدە يەنە قەتلىئام ئېلىپ بېرىپ نۇرغۇن كىشىنىڭ جېنىغا زامىن بولدى

رۇسىيە سۈرىيەنىڭ ئەل-قۇرىيە ناھىيەسىگە فوسفور ۋە ۋاكۇم بومبىلىرى بىلەن ھۇجۇم قوزغاپ نۇرغۇن كىشىنىڭ جېنىغا زامىن بولدى.

518967
رۇسىيە سۈرىيەدە يەنە قەتلىئام ئېلىپ بېرىپ نۇرغۇن كىشىنىڭ جېنىغا زامىن بولدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: رۇسىيە سۈرىيەنىڭ دەيرۇززور شەھىرىنىڭ ئەل-قۇرىيە ناھىيەسىگە فوسفور ۋە ۋاكۇم بومبىلىرى بىلەن ھۇجۇم قوزغاپ، 70 ئادەمنىڭ جېنىغا زامىن بولدى.

رۇسىيەنىڭ بۇ ھۇجۇمىغا خەلقئارا جەمئىيەت دەرھال ئىنكاس قايتۇردى.

رۇسىيە ئىلگىرىمۇ ھەلەب ۋە ئىدلىبتە خەلقئارا جەمئىيەت تەرىپىدىن چەكلەنگەن فوسفور ۋە ۋاكۇم بومبىلىرى بىلەن قەتلىئام قىلمىشى سادىر قىلغان بولسىمۇ، بۇ ۋەقەگە خەلقئارا جەمئىيەت بىلەن ئەرەب دۇنياسى ئىنكاس قايتۇرمىغانىدى.

رۇسىيە دۆلەت تېلېۋىزىيە قانىلى Russia Today ، 18-ئىيۇندا رۇسىيە مۇداپىئە مىنىستىرى سېرگېي شويگۇنىڭ سۈرىيە لازىقىيەدىكى ھىمېمىن ھاۋا بازىسىنى زىيارەت قىلغانلىقىنى ئۇقتۇرۇپ، شويگۇنىڭ ھەربىي بازىنى نازارەت قىلغاندىن سىرت، ھەربىي ھەرىكەتلەرگە قاتناشتۇرۇلغان رۇسىيە ئۇرۇش ئايروپىلانلىرىنىڭ تەييارلىق كۆرۈنۈشلىرىنىمۇ خەۋەر قىلغانىدى.

كۆرۈنۈشلەردە خاتا ھالدا سۈرىيەنى بومباردىمان قىلغان رۇسىيە ئۇرۇش ئايروپىلانلىرىدىن مىسكەت بومبىلىرى ئېتىلغانلىقىنىڭ ئىسپاتلىرى تارقىتىلدى.

ۋىدىئو ئىجتىمائىي تاراتقۇلاردا تارقىتىلغاندا بۇنىڭغا قارىتا تېلېۋىزىيە قانىلى كۆرۈنۈشلەرنى قايتىدىن رەتلەپ خەۋەرنى قايتىدىن تارقاتتى، خەلقئارا جەمئىيەت بولسا بۇ ۋەقەگە سۈكۈت قىلدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر