خىتاينىڭ «دۇنيا مۇسۇلمان شەھىرى»بەرپا قىلىشتىكى غەرىزى ۋە ئۇيغۇرلار

خىتاي ھاكىمىيىتى نىڭشىيا خۇيزۇ ئاپتونوم رايونىدا «دۇنيا مۇسۇلمان شەھىرى»بەرپا قىلىش ئۈچۈن خىزمەتكە كىرىشىپ كەتتى.

519311
خىتاينىڭ «دۇنيا مۇسۇلمان شەھىرى»بەرپا قىلىشتىكى غەرىزى ۋە ئۇيغۇرلار

تۈركىيەدىكى مەلۇم بىر گېزىتتە خەۋەر قىلىنىشىچە، خىتاي نىڭشىيا خۇيزۇ ئاپتونوم رايونىدا «دۇنيا مۇسۇلمان شەھىرى»بەرپا قىلىش ئۈچۈن ھەرىكەتكە ئۆتكەن.

2020-يىلى تاماملىنىشى پىلانلانغان شەھەر، خىتاي ئەمەلدارلىرىنىڭ قارىشىچە خىتاي مەدەنىيىتى بىلەن مۇسۇلمان مەدەنىيىتى گىرەلىشىپ كەتكەن بىر شەھەر بولىدىكەن. خىتاينىڭ ئۇيغۇرلارغا قاراتقان سىياسەتلىرىنى ياخشى بىلىدىغانلارغا نىسبەتەن، خىتاينىڭ «مۇسۇلمان شەھەر» بەرپا قىلىش پىلانى خىتاينىڭ دۆلەت ئوبرازىنى تۈزەشتىن باشقا بىر نەرسە ئەمەس.

«دۇنيا مۇسۇلمان شەھىرى» لايىھەسى دائىرىسىدە ئەرەب-خىتاي دوستلۇق مەيدانى، ئەرەب-خىتاي قۇۋۇقى ساياھەت ۋە يىغىن مەركىزى، مىڭ بىر كېچە ئويۇن-تاماشا باغچىسى، يىپەك يولى مۇزېيى قاتارلىقلار بەرپا قىلىنىدۇ.

«مۇسۇلمان دۇنياسىغا خىتاب قىلىدىغان خەلقئارا ساياھەت مەركىزى»لايىھەسى خىتاينىڭ ئەرەب دۆلەتلىرى بىلەن سىياسەت، ئىقتىساد، سودا، مائارىپ، ساياھەت، بىلىم، تېخنولوگىيە ساھەلىرىدە ھەمكارلىشىشنى ۋۇجۇدقا چىقىرىش ئۈچۈن پىلانلانغان بولۇپ، لايىھەنىڭ ئاساسىي 2012-يىلغىچە سېلىنغان، مەزكۇر لايىھەنىڭ 2020-يىلدا تاماملىنىشى پىلانلانماقتا.

مېدالنىڭ بىر يۈزىدە بۇ بولغان بولسا، يەنە بىر يۈزىدە خىتاينىڭ مۇسۇلمانلارغا قاراتقان بولۇپمۇ ئۇيغۇرلارغا قاراتقان سىياسىتى ياتىدۇ. بېسىملىرى نوقۇل ئۇيغۇر ئېلى بىلەنلا چەكلەنمىگەن خىتاينىڭ، خۇيزۇلارغا قاراتقان سىياسىتىمۇ كىشىنى ئەندىشىگە سالىدۇ.

ھازىرقى زېمىنىدا 45 مىڭ جامە، رەسمىي ئىستاتىستىكىغا قارىغاندا 65 مىليون، غەيرى رەسمىي ئىستاتىستىكىغا ئاساسلانغاندا  100 مىليون مۇسۇلمان بولغان خىتايدا 56 مىللەتتىن 14ى مۇسۇلماندۇر. 

«يىچۇەن دۇنيا مۇسۇلمان شەھىرى» لايىھەسىنىڭ دائىرىسىدە ھالال يېمەك-ئىچمەك ۋە مۇسۇلمانلار ئۈچۈن مەخسۇس مەھسۇلاتلار ئىشلەپچىقىرىشمۇ بار. بۇ ئەمەلىيەتتە خىتاينىڭ ئەرەب دۇنياسىدىكى مەۋجۇدلۇقىنى ۋە نوپۇزىنى ئىسپاتلاش ۋە مۇناسىۋەتلەرنى تېخىمۇ كۈچەيتىشكە ئۇرۇنۇشتىن ئىبارەتتۇر. 3 مىليارد 700 مىليون دوللارلىق مەبلەغ ئاجرىتىلغان لايىھە ئۈچۈن،  نوپۇسى ئاساسلىقى مۇسۇلمانلاردىن تەشكىل تاپقان ئۇيغۇر رايونى ئەمەس  خۇيزۇلار كۆپ بولغان يىچۇەننىڭ تاللىنىشىدىكى سەۋەبلەرنىڭ بىرى، بۇ رايوننىڭ يىپەك يوللىرىنىڭ ئۆتۈش ئېغىزلىرىدىن بىرى بولۇشىدۇر.

«مۇسۇلمان شەھىرى»خىتاينىڭ تاشقى سىياسەتتىكى سەلبىي ئوبرازىنى يوق قىلىش ئۈچۈنمۇ پىلانلانغان چارىلەردىن بىرى ھېسابلىنىدۇ. ئىسلامنى قوبۇل قىلغان خۇيزۇلارغا ئوخشىمىغان دەۋىرلەردە بېرىلگەن ھەق-ھوقۇقلار ئۇيغۇرلاردىن ئالاھىدە پەرقلىنىپ تۇرىدۇ.  «خۇيزۇ مەدەنىيەت باغچىسى» ئەمەلىيەتتە كوممىنىست ھاكىمىيەت پىلانلاپ چىققان «ئىسلام دىنى» مودېلىنىڭ بىر قىسمىدۇر.

مۇتەخەسسلەرنىڭ قارىشىچە، خىتاي ئەرەب دۇنياسى بىلەن ھازىرغىچە ئېنېرگىيەگە ئوخشاش چەكلىك ساھەلەردىكى مۇناسىۋەتلەرنى باشقا ساھەلەرگىمۇ كېڭەيتىش مەقسىتىدە ، مۇسۇلمان دۇنياسىغا ياخشى تەسىر بىرىشكە مەجبۇر ئىكەن. ئۇيغۇرلارغا قاراتقان سىياسەتلىرى بىلەن خەلقئارادا سەلبىي تەسىرگە ئىگە بولغان خىتاي ھاكىمىيىتى «مۇسۇلمان شەھىرى» لايىھەسى ئارقىلىق مۇنداق ئىككى نىشانى ۋۇجۇدقا چىقىرىدىغاندەك تۇرىدۇ: ئۆزىنىڭ ئىسلام ۋە ئىسلام دۇنياسىدىكى ئوبرازىنى تۈزەش ۋە ئەرەب دۆلەتلىرى بىلەن ئورنىتلىىشى پىلانلانغان كەڭ دائىرلىك ھەمكارلىقلارنىڭ ئاساسىنى قۇرۇپ چىقىشتىن ئىبارەت.

بۇ لايىھە خىتاي-ئەرەب مۇناسىۋەتلىرىنىڭ ئىقتىسادىي تەرەپلىرى بىلەنمۇ مۇناسىۋەتلىكتۇر. خىتاي ھاكىمىيىتى يىپەك يوللىرى لايىھەسى بىلەن ھەم رايونلۇق ھەمدە دۇنياۋى ئۇل ئەسلىھە سېلىنمىلىرىنى، سودا ۋە سىياسىي مۇناسىۋەتلىرىنى كۈچەيتىشنى مەقسەت قىلىدۇ. لايىھەگە «يىپەك يولى ئىقتىسادىي بەلۋىغى»نامىنىڭ بېرىلىشىمۇ بۇنىڭ تىپىك ئىپادىسىدۇر.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر