شىۋېتسىيەدە مۇسۇلمانلارنىڭ پەرزەنتلىرى ئوقۇيدىغان بىر مەكتەپكە ئوت قويۇۋېتىلدى

شىۋېتسىيەنىڭ ۋاكسژۆ شەھىرىدىكى مۇسۇلمانلارنىڭ پەرزەنتلىرى ئوقۇيدىغان بىر خۇسۇسىي مەكتەپتە ئوت ئاپىتى يۈز بەردى.

518392
شىۋېتسىيەدە مۇسۇلمانلارنىڭ پەرزەنتلىرى ئوقۇيدىغان بىر مەكتەپكە ئوت قويۇۋېتىلدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: شىۋېتسىيە دۆلەت تېلېۋىزىيەسى – SVT، ۋاكسژۆ شەھىرىدىكى مۇسۇلمان بالىلار ئوقۇيدىغان بىر خۇسۇسىي مەكتەپتە يېرىم كېچە بولغاندا ئوت ئاپىتى يۈز بەرگەنلىكىنى، ساقچىلارنىڭ قولىدا ئوت ئاپىتىنىڭ قەستەن ئوت قويۇپ بېرىش نەتىجىسىدە مەيدانغا كەلگەنلىكىنى كۆرسىتىپ بېرىدىغان دەلىل – ئىسپاتلارنىڭ بارلىقىنى خەۋەر قىلدى.

25 نەپەر ئوت ئۆچۈرۈش خادىمى ئوتنى ئارىدىن 3 سائەت ئۆتكەندىن كېيىن ئۈچۈرەلىدى.

SVT قانىلىنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلغان مەكتەپ مۇدىرى ئىسمائىل ئابدۇلھەلال، «ئاڭلىشىمىزچە، ئىككى ياش مەكتەپكە ئوت قويۇپ بېرىپ قېچىپ كېتىپتۇ. مەسىلىنى ساقچىلار ئايدىڭلىتىدۇ. مەكتىپىمىزدە ئادەم ئۆلۈش ئەھۋالى كۆرۈلمىگەن بولسىمۇ، ئېغىر ماددىي زىيان كۆرۈلدى» دېدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر