مۇسۇل ھەربىي ھەرىكەتلىرىدە 1300 دائېش مىلىتانى ئۆلتۈرۈلدى

تېررورلۇق تەشكىلاتى دائىشنىڭ ئىلكىدىكى مۇسۇل شەھىرىنىڭ جەنۇبىدا ئېلىپ بېرىلغان ھەربىي ھەرىكەتتە 1300 مىلىتان ئۆلتۈرۈلدى.

518585
مۇسۇل ھەربىي ھەرىكەتلىرىدە 1300 دائېش مىلىتانى ئۆلتۈرۈلدى

ئانادولۇ ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، ئىراق مۇداپىئە مىنىستىرى خالىد ئەل ئۇبەيدى تېررورلۇق تەشكىلاتى دائېشنىڭ ئىلكىدىكى مۇسۇل شەھىرىنىڭ جەنۇبىدا ئېلىپ بېرىلغان مۇسۇلنى قۇتقۇزۇش ھەربىي ھەرىكىتىدە 1300 مىلىتاننىڭ ئۆلتۈرۈلگەنلىكىنى بىلدۈرگەن.

ھەربىي ھەرىكەتلەرنى نازارەت قىلىش مەقسىتىدە مۇسۇلنىڭ مەھمۇر ناھىيەسىدىكى نىنوۋا ئورتاق ھەربىي ھەرىكەتلەر قوماندانلىق ئىشتابىنى ئىكسكۇرسىيە قىلغان ئۇبەيدى، ھەربىي ئەمەلدارلار بىلەن كۆرۈشتى.

كۆرۈشۈشتىن كېيىن مۇخبىرلارنى كۈتۈۋېلىش يىغىنى ئۆتكۈزگەن ئۇبەيدى، شەھەرنى قۇتقۇزۇش ھەربىي ھەرىكىتىنىڭ بىرىنچى باسقۇچىنىڭ ھېلىھەم داۋاملىشىۋاتقانلىقىنى بىلدۈرۈپ، مەھمۇر ئالدىنقى سەپ لىنىيەسىدىكى توقۇنۇشلاردا 1300 مىلىتاننىڭ ئۆلتۈرۈلگەنلىكىنى ئەسكەرتتى.

مۇسۇلنىڭ جەنۇبىي رايونىدا ئىراق ئەسكەرلىرىنىڭ توختاۋسىز ئالغا ئىلگىرىلەۋاتقانلىقلىرىنى ئالاھىدە تەكىتلەپ ئۆتكەن ئۇبەيدى، دائېشنى پۈتۈنلەي يوق قىلىش ئۈچۈن ئېلىپ بېرىلىۋاتقان ھەربىي ھەرىكەتلەرنىڭ پات يېقىندا ئاخىرلىشىدىغانلىقىنى ئېيتتى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر