خىتايدىكى بوران ئاپىتى شاڭخەيگە قاراپ ئىلگىرىلىمەكتە

يەنە تەرەپتە مۇشۇ ھەپتە ئىچىدە ئۇيغۇر رايونىغا قاراشلىق غۇلجا شەھرىدە يۈز بەرگەن چوڭ سەل ئاپىتىنىڭ زىيانلىرى ھەققىدە تېخىچە ئىشەنچلىك، ئېنىق سانلىق مەلۇمات ئېلان قىلىنمىغانلىقى ئاخباراتچىلارنىڭ دىققىتىنى تارتماقتا.

518074
خىتايدىكى بوران ئاپىتى شاڭخەيگە قاراپ ئىلگىرىلىمەكتە

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: خىتاينىڭ شەرقىدىكى جىياڭسۇ ئۆلكىسىدە بوران ئاپىتى سەۋەبىدىن كىشىلەرنىڭ تۇرمۇشى پالەچ ھالغا چۈشۈپ قالدى. 

ئاپەتتە ئۆلگەنلەرنىڭ سانى 98 گە يەتتى. يۈزلىگەن كىشى يارىدار بولدى.

جىياڭسۇ ئۆلكىسىنىڭ يانچېڭ شەھىرىدە ئالدىنقى كۈنى باشلانغان بوران ئاپىتى كۈندىلىك تۈرمۈشنى پۈتۈنلەي پالەچ ھالغا چۈشۈرۈپ قويدى.

تۈنۈگۈن فۇنىڭ ناھىيەسىدە سائىتىگە 125 كېلومېتىرلىق سۈرئەت بىلەن چىققان بوران ئاپىتى، شېياڭ ناھىيەسىدە سائىتىگە 100 كېلومېتىرغا يەتتى. بوران، قويۇن ۋە يامغۇرلۇق بوران سەۋەبىدىن رايوندا نۇرغۇنلىغان ئۆينىڭ ئۆرۈلۈپ چۈشكەنلىكى، ئۆلگەنلەر سانىنىڭ 98 گە يەتكەنلىكى، يارىدار بولغانلارنىڭ 800 دىن ئاشقانلىقى ئېلان قىلىندى.

دەرەخلەر يىلتىزلىرىدىن قومۇرۇلۇپ  ئۆرۈلۈپ چۈشتى. نۇرغۇن ساندىكى ئۆيلەرنىڭ ئۆگزىسى ئۇچۇپ كەتتى. يوللار سۇ ئاستىدا قالدى. رايوندا قاتناش توختاپ كەتتى. مىڭلىغان ئۆينىڭ توكى كېسىلدى.

خىتاي ئىچكى ئىشلار مىنىستىرلىقى تەرىپىدىن ئېلان قىلىنغان باياناتتا، يانچېڭ شەھىرىنى ۋەيران قىلغان بوران ئاپىتىنىڭ ئەمدىلىكتە شاڭخەيگە قاراپ ئىلگىرىلەۋاتقانلىقى ھەققىدە ئاگاھلاندۇرۇش ئېلان قىلدى.

خىتاي دۆلەت رەئىسى شى چىنپىڭمۇ ئۆزبېكىستاندىكى زىيارىتى جەريانىدا بۇ ھەقتە مەخسۇس توختىلىپ، ياردەملەرنى ۋە قۇتقۇزۇش خىزمەتلىرىنى تەكشۈرۈش ئۈچۈن مىنىستىرلەر كابېنتىدىن رايونغا بىر ئەترەت ئەۋەتىلىشى كېرەكلىكىنى تەلەپ قىلدى.

خىتاي باش مىنىستىرى لىكېچاڭ بولسا، ئىزدەپ قۇتقۇزۇش خىزمەتلىرىنىڭ سۈرئىتىنى تېزلاشتۇرۇش ئۈچۈن ئالاقىدار مەسئۇللارغا چاقىرىق ئېلان قىلدى.

يەنە تەرەپتە مۇشۇ ھەپتە ئىچىدە ئۇيغۇر رايونىغا قاراشلىق غۇلجا شەھرىدە يۈز بەرگەن چوڭ سەل ئاپىتىنىڭ زىيانلىرى ھەققىدە تېخىچە ئىشەنچلىك، ئېنىق سانلىق مەلۇمات ئېلان قىلىنمىغانلىقى ئاخباراتچىلارنىڭ دىققىتىنى تارتماقتا.

 



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر