تۈركىيە ئارمىيەسى دائېشقا ئەجەللىك زەربە بەردى
تۈركىيە ئارمىيەسى سۈرىيەنىڭ شىمالىدا تۈركىيەگە ھۇجۇم قىلىشقا تەييارلىنىۋاتقان دائېشقا ئائىت رۇسىيەدە ئىشلەنگەن كاتيۇشا بومبىلىرى ۋە مىناميوتلاردىن تەشكىل تاپقان 34 نىشاننى «بوران - چاپقۇن» ناملىق زەمبىرەكلەر ئارقىلىق يەر بىلەن يەكسان قىلىۋەتتى.
517669
تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئىتتىپاقداش كۈچلىرىگە ئائىت ئۇرۇش ئايروپىلانلىرىمۇ 3 قېتىملىق ھاۋا ھۇجۇمى ئارقىلىق تۈركىيە ئارمىيەسىگە ياردەم بەردى.
ھەربىي ھەرىكەتلەردە 20 دائېشچى يوقىتىلدى، دائېشچىلار ئىشلىتىۋاتقان 2 بىنا يەر بىلەن يەكسان قىلىۋېتىلدى.