خىتايدا بوران - چاپقۇن ئاپىتى يۈز بېرىپ، 51 كىشى ئۆلدى
خىتاينىڭ شىمالىدىكى جياڭسۇ ئۆلكىسىدە بوران - چاپقۇن ئاپىتى يۈز بېرىپ، 51 كىشى قازا قىلدى.
516937
تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: شىنخۇا ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، رايوندىكى يەنچىڭ شەھىرى ۋە ئەتراپىدا يۈز بەرگەن چاقماق چېقىش، بوران – چاپقۇن ۋە مۆلدۈر ئاپەتلىرىدە كۆپلىگەن بىنالار ئۆرۈلۈپ چۈشكەن، يوللار زىيانغا ئۇچرىغان. رايونغا جىددىي ياردەم بېرىش ئەترەتلىرى ئەۋەتىلگەن.