سۈرىيەدە ئۇرۇش سەۋەبىدىن 13 مىليون كىشى يۇرتلىرىنى تاشلاپ كېتىشكە مەجبۇر بولدى

مەركىزى لوندۇندا بولغان سۈرىيە كىشىلىك ھەق ھوقۇقلىرى ئورگىنى سۈرىيەدە ئىچكى ئۇرۇش سەۋەبىدىن 13 مىليون كىشىنىڭ يۇرت-ماكانلىرىنى تاشلاپ كېتىشكە مەجبۇر بولغانلىقىنى بىلدۈردى.

514901
سۈرىيەدە ئۇرۇش سەۋەبىدىن 13 مىليون كىشى يۇرتلىرىنى تاشلاپ كېتىشكە مەجبۇر بولدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: سۈرىيەدە بەش يىلدىن بۇيان داۋاملىشىۋاتقان ئىچكى ئۇرۇش سەۋەبىدىن 13 مىليوندىن ئارتۇق سۈرىيەلىك مەملىكەتلىرىنى تاشلاپ مەملىكەت ئىچى ۋە سىرتىغا كۆچۈپ كېتىشكە مەجبۇر بولدى.

مەركىزى لوندۇندا بولغان سۈرىيە كىشىلىك ھەق ھوقۇقلىرى ئورگىنى دۇنيا مۇساپىرلار كۈنى مۇناسىۋىتى بىلەن تەييارلاپ چىققان دوكلاتىغا ئاساسلانغاندا، سۈرىيەدىكى ئىچكى ئۇرۇش سەۋەبىدىن مۇساپىر بولۇپ كەتكەن ۋە ھازىرچە تىزىمغا ئېلىنغان سۈرىيەلىكلەرنىڭ سانى 5مىليون 835 مىڭغا يەتكەن. بۇلارنىڭ ئىچىدە %50ى بالا، %35ى ئايال، %15ى ئەرلەردىن تەشكىل تاپىدىكەن.

باشقا دۆلەتلەر تەرىپىدىن قوبۇل قىلىنماسلىق ئەندىشىسى بىلەن قانۇنسىز يوللاردىن ماڭغان ياكى بارغان دۆلەتلەردە ئۇرۇق-تۇغقانلىرى تەرىپىدىن كۈتۈۋېلىنغان قانۇنسىز كۆچمەنلەرنىڭ نىسبىتى كىشىنى ھەيران قالدۇرىدىغان دەرىجىدە يۇقىرى ئىكەنلىكى بىلدۈرۈلدى.

سۈرىيەلىك مۇساپىرلارنى قوبۇل قىلغان دۆلەتلەر ئارىسىدا تۈركىيە بىرىنچى ئورۇندا تۇرىدىغان بولۇپ، 450مىڭ بالا، 270مىڭ ئايال بولۇپ جەمئىي  1مىليون 900مىڭ مۇساپىرغا ساھىبخانلىق قىلماقتا.

يېقىنقى مەزگىللەردە سۈرىيەنىڭ شىمالىدا كەسكىنلەشكەن توقۇنۇشلار سەۋەبىدىن مۇساپىرلارنىڭ سانىدا كۆرىنەرلىك دەرىجىدە ئېشىش كۆرۈلمەكتە، بىراق بۇلارنىڭ %62ى يەنى 1 مىليون 100مىڭ سۈرىيەلىك ھېچقانداق ئورۇن تەرىپىدىن ئەنگە ئېلىنمىغان.

459مىڭ ئەنگە ئېلىنمىغان سۈرىيەلىكتىن سىرت، 570مىڭى بالا، 190مىڭى ئايال بولۇپ جەمئىي 1مىليون 700 مىڭ سۈرىيەلىك مۇساپىرغا ساھىبخانلىق قىلغان لىۋان، مۇساپىرلارنى قوبۇل قىلغان رايون دۆلەتلىرى ئىچىدە ئىككىنچى قاتاردا ئورۇن ئالىدۇ، يەنە ئىيوردانىيەدە 490مىڭ ئەنگە ئېلىنمىغان سۈرىيەلىكتىن سىرت،  350مىڭى بالا، 175مىڭى ئايال بولۇپ جەمئىي 1مىليون 400مىڭ سۈرىيەلىك بار. ئىراقتا بولسا 525مىڭ، مىسىردا 270مىڭ، مەغرىپ دۆلەتلىرىدە تەخمىنەن 40مىڭ سۈرىيەلىك مۇساپىر ياشىماقتا.

7 مىليون 475مىڭ سۈرىيەلىكمۇ مەملىكەت ئىچىدە تۇرۇپلا باشقا يۇرتلارغا كۆچۈشكە مەجبۇر بولدى. سۈرىيەدە سانى 570مىڭغا يەتكەن پەلەستىنلىك مۇساپىرنىڭ %60ى سۈرىيە ئىچىدىلا كۆچۈشكە مەجبۇر بولدى. سۈرىيە ئىچىدىلا ئۆز يۇرتىدىن باشقا يۇرتقا كۆچۈپ كېتىشكە مەجبۇر بولغان 4مىليون 500مىڭ سۈرىيەلىك بولسا جىددىي ياردەم بۇيۇملىرى كۈتمەكتە.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر