ئانتاكيا ئېپىسكوپى ۋە ھەمرالىقىدىكىلەر ئادەم بومبا ھۇجۇمىغا ئۇچرىدى

ئانتاكيا ئېپىسكوپى ۋە ھەمرالىقىدىكىلەر سۈرىيەنىڭ ھاسەكە شەھىرىگە قاراشلىق قامىشلى ناھىيەسىدە بىر ئادەم بومبىنىڭ ھۇجۇمىغا ئۇچرىدى.

514170
ئانتاكيا ئېپىسكوپى ۋە ھەمرالىقىدىكىلەر ئادەم بومبا ھۇجۇمىغا ئۇچرىدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئانتاكيا ئېپىسكوپى ۋە سۇريانى ئورتودوكس چېركاۋىنىڭ باش رۇھانىسى موران مور ئىگناتىئۇس ئىككىنچى ئەفرەم كەرىم ۋە ھەمرالىقىدىكىلەرنىڭ ئاپتوموبىلى سۈرىيەنىڭ ھاسەكە شەھىرىگە قاراشلىق قامىشلى ناھىيەسىدىكى زىيارىتى جەريانىدا ھۇجۇمغا ئۇچراپ بىر ئادەم ئۆلدى، 3 ئادەم يارىلاندى.

مەھەللىي مەنبەلەردىن ئىگىلەنگەن ئۇچۇرلارغا ئاساسلانغاندا، ئەفرەم كەرىم ۋە ھەمرالىقىدىكلەر ئولتۇرغان ئاپتوموبىللار ئاھالىسىنىڭ كۆپ سانلىقى خىرىستىيانلاردىن تەشكىل تاپىدىغان ئەلۋۇستا مەھەللىسىدىن ئۆتۈپ كېتىۋاتقاندا، بىر ئادەم بومبا ھۇجۇمچىسى بەدىنىگە تېڭىۋالغان بومبىنى پارتلاتقان؛ ئېپىسكوپ كەرىم ساق – سالامەت قۇتۇلۇپ قالغان ھۇجۇم نەتىجىسىدە ئاپتوموبىللارنى مۇھاپىزەت قىلىپ كېتىۋاتقان سۇريانى سوتورو قوراللىقلىرىدىن بىرى ھاياتىدىن ئايرىلغان، ئۈچ نەپىرى يارىلانغان.

ھازىرغىچە ھېچقانداق تەرەپ ھۇجۇمنىڭ جاۋابكارلىقىنى ئۈستىگە ئالمىدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر