ئافغانىستان بۈگۈن قانلىق كۈنلەردىن بىرىنى باشتىن كەچۈردى

ئافغانىستاننىڭ پايتەختى كابۇل ۋە شەرقىي شىمالدىكى بەدەخشان ۋىلايىتىدە ئايرىم - ئايرىم ھۇجۇم قىلىش ۋەقەلىرى يۈز بېرىپ، چەت ئەللىكلەرنى ئۆز ئىچىگە ئالغان كۆپ ساندا كىشى ھاياتىدىن ئايرىلدى.

514411
ئافغانىستان بۈگۈن قانلىق كۈنلەردىن بىرىنى باشتىن كەچۈردى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئافغانىستاننىڭ شەرقىي شىمالىغا جايلاشقان بەدەخشان ۋىلايىتىدە بومبىلىق ھۇجۇم قىلىش ۋەقەسى يۈز بېرىپ، 10 ئادەم ئۆلدى.

بەدەخشان ۋالىيلىق مەھكىمىسىنىڭ باياناتچىسى ئەھمەد ناۋىد فۇرۇتەن، بەدەخشاننىڭ قىشىم ناھىيەسىدە بىر موتوسىكلېتقا ئورۇنلاشتۇرۇلغان بومبىنىڭ پارتلىشى نەتىجىسىدە ئۆلگەنلەرنىڭ ئىچىدە بالىلارنىڭمۇ بارلىقىنى بىلدۈردى. ئۇ، ھۇجۇمدا يەنە 30 ئادەمنىڭ يارىلانغانلىقىنى، بەزىلىرىنىڭ يارىلىنىش ئەھۋالىنىڭ ئېغىر ئىكەنلىكىنى، شۇڭا ئۆلگەنلەر سانىنىڭ كۆپىيىپ كېتىشىدىن ئەندىشە قىلىنىۋاتقانلىقىنى ئەسكەرتتى.

ھازىرغىچە ھېچقانداق بىر تەرەپ ھۇجۇمنىڭ جاۋابكارلىقىنى ئۈستىگە ئالمىدى.

ئافغانىستان پايتەختى كابۇلدا بۈگۈن ئەتىگەن نېپاللىق ئىشچىلارنىڭ ئاپتوموبىلى قوراللىق ھۇجۇمغا ئۇچراپ، 14 نېپاللىق ھاياتىدىن ئايرىلغان، 5 نېپاللىق بىلەن 4 ئافغانىستان پۇقراسى بولۇپ جەمئىي 9 ئادەم يارىلانغانىدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر