تۇنىستا جىددىي ھالەت مۇددىتى يەنە بىر ئاي ئۇزارتىلدى

تۇنىستا پىرىزېدېنتلىق سارىيى مۇھاپىزەتچى قىسىملىرىنىڭ ھۇجۇمغا ئۇچرىشى نەتىجىسىدە جىددىي ھالەت مۇددىتى يەنە 1 ئاي ئۇزارتىدى.

514755
تۇنىستا جىددىي ھالەت مۇددىتى يەنە بىر ئاي ئۇزارتىلدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: تۇنىستا جىددىي ھالەت مۇددىتىنىڭ يەنە بىر ئاي ئۇزارتىلغانلىقى بىلدۈرۈلدى.

تۇنىس پىرىزېدېنتلىق سارىيىدىن بۇ ھەقتە ئېلان قىلىنغان باياناتتا، پايتەخت تۇنىستا 2015-يىلى24-نويابىردا پىرىزېدېنتلىق سارىيى مۇھاپىزەت قىسىملىرى بومبىلىق ھۇجۇمغا ئۇچرىغاندىن كېيىن ئېلان قىلىنغان جىددىي ھالەتنىڭ 21-ئىيۇندىن باشلاپ يەنە 1 ئاي ئۇزارتىلدىغانلىقى ئۇقتۇرۇلدى.  

بۇلتۇر 26-ئىيۇندا تۇنىسنىڭ سۇدا شەھىرىدە بىر تۈركۈم ساياھەتچىلەر ھۇجۇمغا ئۇچرىغاندىن كېيىنمۇ 4 ئاي جىددىي ھالەت ئېلان قىلىنغانىدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر