سۈرىيەدىكى توقۇنۇشلار ھەلەب ۋە مۇنبىچكە مەركەزلەشتى

سۈرىيەدىكى توقۇنۇشلار ھەلەبنىڭ ئەتراپىدىكى تاغلىق رايونلار بىلەن دائېشنىڭ كونتروللۇقى ئاستىدىكى مۇنبىچكە مەركەزلەشتى.

513954
سۈرىيەدىكى توقۇنۇشلار ھەلەب ۋە مۇنبىچكە مەركەزلەشتى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: سۈرىيە ئارمىيەسىنىڭ ئۇرۇش ئايروپىلانلىرى راققەنىڭ تابكا ناھىيەسىگە سنارەد ئېتىپ 10 كىشىنىڭ ئۆلۈمى، 35 كىشىنىڭ يارىلىنىشىغا سەۋەب بولدى.

ھۇجۇمدا يارىلانغانلار ناھىيە تەۋەلىكىدىكى دوختورخانىلاردا بالىنسىتقا ئېلىندى. ۋەقە يۈز بەرگەن جايدا ئېغىر ماددىي زىيان مەيدانغا كەلگەنلىكى قەيت قىلىندى.

يەنە بىر تەرەپتىن، سۈرىيەدىكى توقۇنۇشلار ھەلەبنىڭ ئەتراپى ۋە مۇنبىچكە مەركەزلىشىپ قالدى.

ئەسەد كۈچلىرى شىددەتلىك توقۇنۇشلاردىن كېيىن ھەلەب بىلەن دەمەشقنى تۇتاشتۇرۇپ تۇرىدىغان تاش يول بويىدىكى ئىستراتېگىيەلىك ئەھمىيەتكە ئىگە 3 يېزىنى ئۆكتىچىلەرگە قويۇپ بەردى.

ئامېرىكا ئەسكەرلىرىنىڭ قوللىشى ئاستىدىكى سۈرىيە دېموكراتىك كۈچلىرى دائېشنىڭ قولىدىكى مۇنبىچكە غەرب تەرەپتىن كىرىشكە باشلىدى. شەھەردە ھېلىھەم مىڭلارچە پۇقرانىڭ قاپسىلىپ قالغانلىقى قەيت قىلىنماقتا.

ئەسەد كۈچلىرى ھەلەبنىڭ ئۆكتىچىلەرنىڭ قولىدىكى مەھەللىلەرنى ۋارىل بومبىلىرىنى ئىشلىتىپ ھاۋادىن بومباردىمان قىلىشنى داۋاملاشتۇرماقتا.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر