ھادى تەرەپدارلىرى ھۇسىيلارغا زەربە بېرىشنى داۋاملاشتۇرماقتا
يەمەننىڭ ئەلبەيدا شەھىرىدە پىرېزىدېنت ئابدۇراببۇ مەنسۇر ھادى تەرەپدارى خەلق قارشىلىق كۆرسىتىش كۈچلىرىنىڭ ھۇجۇمىدا 6 ھۇسى ئۆلدى.
513775
تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ھادى تەرەپدارلىرى، شەھەر ھۇسىيلاردىن تازىلىنىپ بولغۇچە ھەربىي ھەرىكەتلەرنىڭ داۋاملىشىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.
خەلق قارشىلىق كۆرسىتىش كۈچلىرىنىڭ ئالدىنقى كۈنكى ئەلبەيدانىڭ زى نەئىيم ناھىيەسىگە قاراتقان مۇشۇنىڭغا ئوخشاش بىر ھۇجۇمىدا ھۇسىيلارنىڭ 5 ئەزاسى ھاياتىدىن ئايرىلغانىدى.