خىتايدا سەل ئاپىتى يۈز بېرىپ، 25 كىشى ئۆلدى
خىتاينىڭ جەنۇبىدا ئۇدا بىر ھەپتىدىن بۇيان داۋاملىشىۋاتقان سەل ئاپىتىدە 25 كىشى ئۆلدى.
513416
تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: سەل ئاپىتىدە رايوندىكى ئولتۇراق رايونلىرى سۇ ئاستىدا قالدى، 33 مىڭدىن ئارتۇق كىشى باشقا جايلارغا كۆچۈپ كېتىشكە مەجبۇر بولدى.
ئىگىلىنىشىچە، سەل ئاپىتىدە يوقاپ كەتكەن 6 كىشىنى ئىزدەش - قۇتقۇزۇش پائالىيەتلىرى داۋاملاشماقتا ئىكەن.