ئوباما «رادىكال ئىسلام» تەنقىدىگە جاۋاب قايتۇردى

ئامېرىكا پىرېزىدېتى باراك ئوباما تېررورلۇق ھۇجۇمى ئۈستىدە توختالغاندا «رادىكال ئىسلام» سۆزىنى ئىشلەتمىدى، دېگەن تەنقىدلەرگە جاۋاب قايتۇردى. ئۇ: «بىر تەھدىتنى ئوخشىمىغان ناملار بىلەن ئاتاش ئۇنى يوق قىلمايدۇ، بۇ سىياسىي جەھەتتىن دىققەتنى چېچىشتۇر» دېدى.

511185
ئوباما «رادىكال ئىسلام» تەنقىدىگە جاۋاب قايتۇردى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: پىرېزىدېنت باراك ئوباما ئورلاندودا 49 ئادەمنىڭ جېنىغا زامىن بولغان ھۇجۇم ۋە دائېشقا قارشى كۈرەش توغرىسىدا مەلۇمات ئېلىش ئۈچۈن خەزىنە مىنىستىرلىقىدا مىللىي خەۋپسىزلىك كېڭىشى يىغىنى چاقىردى. ئۇ يىغىن ئاخىرلاشقاندىن كېيىن، مۇخبىرلارنى كۈتۈۋېلىش يىغىنى ئۆتكۈزۈپ، كېچىلىك كۇلۇبتا يۈز بەرگەن تېررورلۇق ھۇجۇمى ئۈستىدە توختالدى. ئۇ: «ھازىر چەت ئەلدىكى تېررورلۇق تەشكىلاتىنىڭ ئورلاندودىكى ھۇجۇمغا يوليورۇق بەرگەنلىكىنى كۆرسىتىدىغان ھېچقانداق ئۇچۇرغا ئىگە ئەمەسمىز» دېدى.

ئۇ تېررورلۇق ھۇجۇملىرى ئۈچۈن «رادىكال ئىسلام» سۆزىنى ئىشلەتمىدى دېگەن تەنقىدلەرگە جاۋاب قايتۇرۇپ، كونگرەدىكى جۇمھۇرىيەتچىلەرنىڭ، «دائېشنى رادىكال ئىسلامچىلار دەپ ئاتىمىغىنىمىزدا، ئۇ تېررورلۇق تەشكىلاتىنى يىڭەلمەيمىز» دېگەنلىكىنى خاتىرىلەتتى. ئۇ مۇنداق دېدى:

 «بۇنداق ئاتاش بىزگە نېمىنى ئېلىپ كېلەلەيدۇ؟ نېمىنى ئۆزگەرتەلەيدۇ؟ دائېشنى ئامېرىكىلىقلارنى ئاز ئۆلتۈرۈش توغرىسىدا ۋەدە بەرگۈزەلەمدۇ؟ ياكى بىزگە تېخىمۇ كۆپ ئىتتىپاقداش تېپىپ بېرەلەمدۇ؟ جاۋاب شۇكى، بۇلارنىڭ ھېچبىرى بولمايدۇ. بىر تەھدىتنى ئوخشىمىغان ناملار بىلەن ئاتاش ئۇنى يوقاتمايدۇ، بۇ سىياسىي جەھەتتىن دىققەتنى چېچىشتۇر. پىرېزىدېنت بولغان 7 يېرىم يىلدىن بۇيان ‹رادىكال ئىسلام› سۆزىنى ئىشلەتمىگەنلىكىمىز سەۋەبىدىن يولغا قويالماي قالغان ئىستراتېگىيەمىز بولۇپ باقمىدى. ھېچبىر مەسلىھەتچى بىر قېتىممۇ ‹ئەگەر بۇ سۆزنى ئىشلەتسەك ئۇلارنى تىرىپىرەن قىلىۋېتىمىز› دەپمۇ باقمىدى.»

پىرېزىدېنت باراك ئوباما دائېشنىڭ ئىسلامغا ۋەكىللىك قىلمايدىغانلىقىنى ئەسكەرتتى.  ئۇ جۇمھۇرىيەتچىلەرنىڭ پىرېزىدېنت نامزات نامزاتى دونالد تىرامپنىڭ ئىسمىنى ئاتىماي تۇرۇپ، مۇسۇلمانلارنىڭ ئامېرىكاغا كېلىشىنى چەكلەش تەكلىپىنى قاتتىق تەنقىد قىلدى. ئۇ: «ئامېرىكالىق مۇسۇلمانلارغا ئېتىقادى سەۋەبلىك ئايرىمچىلىق قىلامدۇق» دېدى. ئۇ يەنە مۇنداق دېدى:

«بۇ بىز ئۈمىد قىلغان ئامېرىكا ئەمەس، دېموكراتىك غايىلىرىمىزنى ئەكس ئەتتۈرۈپ بەرمەيدۇ. بىزنى بىخەتەر قىلمايدۇ، بەلكى بىخەتەرلىكىمىزنى تېخىمۇ ئازايتىدۇ. دائېشنىڭ ‹غەرب مۇسۇلمانلاردىن نەپرەت قىلىدۇ› دېگەن چۈشەنچىسىنى قوللاش، بۇ دۆلەتتىكى ۋە دۇنيادىكى مۇسۇلمانلارنى نېمە قىلىشىدىن قەتئىينەزەر تۆھمەت ھەمدە ھۇجۇم ئاستىغا تاشلايدۇ. بۇ ئامېرىكالىق مۇسۇلمانلارغا ھۆكۈمىتىنىڭ ئۆزلىرىگە خىيانەت قىلغانلىقىنى ھېس قىلدۇرىدۇ.»

ئۇ دائېشقا قارشى كۈرەشتە يېتىپ كەلگەن نۇقتا  توغرىسىدا توختالدى. ئۇ دائېشنىڭ ئىراق بىلەن سۈرىيەدە ئاجىزلىغانلىقىنى، 120 دىن ئارتۇق رەھبىرىنىڭ يوقالغانلىقىنى، خەلقئارالىق پۇل – مۇئامىلە سىستېمىسى بىلەن مۇناسىۋىتىنىڭ ئۈزۈپ تاشلانغانلىقىنى ئەسكەرتتى.

 ئۇ سۈرىيە توغرىسىدا توختالغاندا، ئۇرۇش توختىتىش كېلىشىمىنىڭ پۇقرالار دۇچار بولۇۋاتقان قىيىنچىلىقلارنى پۈتۈنلەي ھەل قىلالمىغانلىقىنى بىلدۈردى. ئۇ: «سۈرىيەدە بەششار ئەسەد بولمىغان، ئىچكى ئۇرۇشنى توختىتىدىغان ئۆتكۈنچى سىياسىي باسقۇچ ئۈچۈن بېسىم قىلىشنى داۋاملاشتۇرىمىز» دېدى.    



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر