ناتو 4 دۆلەتكە ئەسكەر ئورۇنلاشتۇرۇشنى قارار قىلدى

شىمالىي ئاتلانتىك ئەھدىي تەشكىلاتى – ناتو، رۇسىيەگە قارشى ئېستونىيە، لېتونىيە، لاتۋىيە ۋە پولشاغا 4 باتالىيون ئەسكەر ئورۇنلاشتۇرۇشنى قارار قىلدى.

511317
ناتو 4 دۆلەتكە ئەسكەر ئورۇنلاشتۇرۇشنى قارار قىلدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: بېلگىيەنىڭ پايتەختى بىريۇسسېلدىكى تۈركىيەگە ۋاكالىتەن دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرى فىكرى ئىشىق ئىشتىراك قىلغان ناتو مۇداپىئە مىنىستىرلىرى يىغىنىنىڭ بىرىنچى كۈنىدە، ھەم رۇسىيەگە قارشى تاشلىنىدىغان قەدەملەر، ھەم ئالدىمىزدىكى ئايدا چاقىرىلىدىغان ۋارشوۋا يىغىنىنىڭ كۈنتەرتىپى مۇئەييلەشتۈرۈلدى.

ناتو باش كاتىپى يېنس ستولتېنبېرگ مۇخبىرلارنى كۈتۈۋېلىش يىغىنى ئۆتكۈزۈپ، مۇزاكىرىلەردە ناتونىڭ خەۋپلەرگە تاقابىل تۇرۇش ۋە  مۇداپىئەسىنىڭ كۈچەيتىلىشى ئۈچۈن يېڭى تەدبىرلەرنى يولغا قويۇش توغرىسىدا بىرلىك ھاسىل قىلىنغانلىقىنى ئەسكەرتتى.

ناتونىڭ ھازىر ھالەتتە تۇرۇش قىسىملىرى سانىنى 3 ھەسسە ئاشۇرغانلىقىنى ۋە جىددىي مۇداخىلە قىلىش قىسىملىرىنىڭ بىر قانچە كۈن ئىچىدە بارلىق ئەزا دۆلەتلەردە ۋەزىپە ئۆتەشكە تەييار ھالەتكە كېلەلەيدىغان ئەھۋالدا ئىكەنلىكىنى ئەسلىتىپ ئۆتكەن ستولتېنبېرگ، شەرقىي ياۋروپا دۆلەتلىرىدە 8 يېڭى قارارگاھ قۇرۇلغانلىقىنى ئېيتتى.

ستولتېنبېرگ، ناتونىڭ ئىتتىپاقنىڭ شەرقىدىكى مەۋجۇدىيىتىنى كۈچەيتىشىنى قارار قىلغانلىقىنى تىلغا ئالغان ھالدا، «ناتو نۆۋەتلەشكەن ھالدا لېتۋانىيە، لاتۋىيە، ئېستونىيە ۋە پولشاغا كۈچلۈك، كۆپ مىللەتلىك 4 باتالىيون ئەسكەر ئورۇنلاشتۇرىدۇ. شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا ناتو، قارا دېڭىز رايونىدىكى مۇداپىئە ۋە تاقابىل تۇرۇش كۈچىنى ئاشۇرۇش ئۈچۈن قوشۇمچە تەدبىرلەرنى يولغا قويىدۇ. ئەگەر ھەرقانداق بىر ئىتتىپاقدېشىمىز ھۇجۇمغا ئۇچراپ قالسا، پۈتكۈل ئىتتىپاق بىر گەۋدە ھالىتىدە جاۋاب قايتۇرىدۇ» دېدى.

ناتونىڭ توقۇنۇش پەيدا قىلىشنىڭ كويىدا ئەمەسلىكىنى ئەسكەرتكەن ستولتېنبېرگ، «رۇسىيە بىلەن ھەقىقەتەنمۇ ئىجابىي دىيالوگ ئورنىتىشنى خالايمىز، لېكىن، ئىتتىپاقداشلىرىمىزنى ھەر تۈرلۈك تەھدىتلەردىن مۇۋاپىئە قىلىمىز» دېدى.

ناتو باش كاتىپى ستولتېنبېرگ، ھاۋا، دېڭىز ۋە قۇرۇقلۇقتىكىگە ئوخشاشلا تور ساھەنىمۇ ھەرىكەت ساھەسى، دەپ قوبۇل قىلىشنى قارار قىلغانلىقلىرىنى تىلغا ئالغان ھالدا، «تور دۇنياسىدىكى مۇداپىئە ئورتاق مۇداپىئەنىڭ بىر پارچىسى» دېگەنلەرنى قەيت قىلدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر