خىتاي تەيۋەن پىرېزىدېنتى ۋە دالاي لامانى ئاگاھلاندۇردى

خىتاي ھۆكۈمىتى تەيۋەن پىرېزىدېنتى سەي يىڭۋىننىڭ پانامانى زىيارەت قىلىش سەپىرىدە ئامېرىكادا قىسقا ۋاقىت تۇرىدىغانلىقىنى ۋە تىبەت روھانى رەھبىرى دالاي لامانىڭ پىرېزىدېنت باراك ئوباما بىلەن كۆرۈشۈش ئېھتىماللىقىنىڭ بارلىقىنى ئىلگىرى سۈرۈپ ئاگاھلاندۇردى.

510873
خىتاي تەيۋەن پىرېزىدېنتى ۋە دالاي لامانى ئاگاھلاندۇردى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: خىتاي تاشقى ئىشلار مىنىستىرىقىنىڭ باياناتچىسى لۇ كاڭ ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنىدا، تەيۋەن پىرېزىدېنتى سەي يىڭۋىننىڭ پاناما زىيارىتى جەريانىدا ئامېرىكادا قىسقا ۋاقىت تۇرىدىغانلىقى ۋە دالاي لامانىڭ ۋاشىنگتون زىيارىتىدە ئوباما بىلەن كۆرۈشۈش ئېتىماللىقى ئۈستىدە توختىلىپ، ئامېرىكادىن «بىر خىتاي» سىياسىتى توغرىسىدا بەرگەن ۋەدىسىدە چىڭ تۇرۇشىنى ۋە خىتايغا قارشى ھەرقانداق سەلبىي بۆلگۈنچىلىك ئەھۋالنىڭ ئوتتۇرىغا چىقماسلىقىنى تەلەپ قىلىدىغانلىقلىرىنى بىلدۈردى.

خىتاي ھۆكۈمىتى «بىر خىتاي» پىرىنسىپىدا ئۆزگىرىش بولمايدىغانلىقىنى تەكىتلەپ، «زۆرۈر تېپىلغاندا ھەربىي كۈچ ئىشلىتىشتىن ۋاز كەچمەيمىز» دەپ بايانات ئېلان قىلغان ئىدى.

باياناتچى لۇ كاڭ دالاي لامانىڭ خەلقئارادىكى نوپۇزىدىن پايدىلىنىپ خىتايغا قارشى پائالىيەتلەر بىلەن شۇغۇللىنىۋاتقانلىقىنى، شۇڭا ھەرقايسى دۆلەتلەردىن دالاي لامانىڭ بۇ خىلدىكى پائالىيەتلىرى ئۈچۈن شارائىت يارىتىپ بەرمەسلىكىنى تەلەپ قىلىدىغانلىقلىرىنى ئەسكەرتتى. ئۇ خىتاي خەلقىنىڭ تىبەتنىڭ بۆلۈنۈپ چىقىپ كېتىشىگە قەتئىي قارشى ئىكەنلىكىنى، ئامېرىكانىڭمۇ تىبەتنى خىتاينىڭ ئايرىلماس بىر پارچىسى دەپ ئېتىراپ قىلىدىغانلىقىنى قەيت قىلدى.

تىبەتنىڭ روھانى رەھبىرى دالاي لاما 1959 – يىلدىكى قوزغىلاڭدا مەغلۇپ بولغاندىن كېيىن، ھىندىستاننىڭ شىمالىدا سۈرگۈندىكى تىبەت ھۆكۈمىتىنى قۇرغان ئىدى.

خىتاي ھۆكۈمىتى تىبەتنىڭ 700 يىلدىن بېرى ئۆزىنىڭ تۇپرىقى بولۇپ كەلگەنلىكىنى ئىلگىرى سۈرسە، تىبەت خەلقى بۇ ۋاقىتنىڭ كۆپىدە مۇستەقىل ياشىغانلىقلىرىنى ئىلگىرى سۈرىدۇ. خىتاي ھۆكۈمىتى دالاي لامانىڭ تىبەت ئۈچۈن قىلغان «بۈيۈك ئاپتونومىيە» تەلىپىنى، مەخپىي مۇستەقىللىق پىلانى دەپ قاراپ رەت قىلىپ كەلمەكتە.  

تەيۋەن پىرېزىدېنتى سەي يىڭۋىن 22 – ئىيۇندىن 2  - ئىيۇلغىچە پاناما ۋە پاراگۋايدا زىيارەتتە بولىدۇ.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر