دائېش پارىژدا يەنە ۋەقە پەيدا قىلدى

فىرانسىيە پايتەختى پارىژنىڭ غەربىي شىمالىدا بىر ساقچى ۋە ئايالىنى ئۆلتۈرۈپ، بالىلىرىنى گۆرۈگە ئېلىۋالغان ھۇجۇمچى ئېتىپ ئۆلتۈرۈلدى.

510411
دائېش پارىژدا يەنە ۋەقە پەيدا قىلدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: پارىژنىڭ غەربىي شىمالىدا كېچىدە يۈز بەرگەن گۆرۈگە ئېلىۋېلىش ۋەقەسىدە بىر ساقچى ۋە ئۇ ساقچىنىڭ ئايالىنى ئۆلتۈرگەن جىنايەتچى ئېتىپ ئۆلتۈرۈلدى. ۋەقەگە تېررورلۇق تەشكىلاتى دائېش جاۋابكار بولىدىغانلىقىنى جاكارلىدى.

گۆرۈگە ئېلىۋېلىش ۋەقەسى پارىژنىڭ غەربىي شىمالىدىكى ماگناۋىللىدا يۈز بەرگەن بولۇپ، ھاياتىدىن ئايرىلغان ساقچى ئىشتىن چۈشۈپ قايتىۋاتقان ئۆيى بار بىنانىڭ ئالدىدا بەدىنىنىڭ كۆپ يېرىگە پىچاق تىقىپ ئۆلتۈرۈلدى. ھۇجۇمچى ساقچىنى ئۆلتۈرگەندىن كېيىن، بىنانىڭ ئىچىگە كىرىپ ساقچىنىڭ ئايالى ۋە بالىلىرىنى گۆرۈگە ئېلىۋالدى. رايونغا «رائىد» ناملىق فىرانسىيە ئالاھىدە ساقچى قىسمى ئەۋەتىلدى ۋە بىنا قورشاۋغا ئېلىندى.

ساقچىلار بىلەن ھۇجۇمچى ئوتتۇرىسىدىكى كېلىشىش ئىشقا يارىمىغاندىن كېيىن، ئالاھىدە ساقچى خادىملىرى ئۆيگە بېسىپ كىردى. ھەرىكەتتە ساقچىنىڭ ئايالىنى ئۆلتۈرگەن ھۇجۇمچى ئېتىپ ئۆلتۈرۈلدى، بالىلار قۇتقۇزۇۋېلىندى.

فىرانسىيە ئىچكى ئىشلار مىنىستىرلىقىنىڭ باياناتچىسى براندېت يازما باياناتىدا، ھۇجۇمنى قاتتىق ئەيىبلىدى ۋە ساقچىنىڭ ئايالىنىڭ ئىچكى ئىشلار مىنىستىرلىقىدا مەمۇر ئىكەنلىكىنى بىلدۈردى.

بۇ قېتىملىق قانلىق ھۇجۇمنىڭ ئالاھىدىلىكى شۇكى، 130 ئادەم ھاياتىدىن ئايرىلغان پارىژ ھۇجۇملىرىدىن كېيىن جىددىي ھالەت ئېلان قىلىنغان فىرانسىيەدە، نويابىر ئېيىدىن بۇيان يۈز بەرگەن تۇنجى تېررورلۇق ھۇجۇمى بولۇشىدۇر.     



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر