شاڭخەي پودۇڭ خەلقئارا ئايرودورۇمىدا پارتلاش يۈز بەردى

خىتاينىڭ شاڭخەي شەھىرىدىكى پودۇڭ خەلقئارا ئايرودورۇمىنىڭ يولۇچىلار ئايرىلىش زالىدا ئارقا - ئارقىىدىن پارتلاش مەيدانغا كەلدى.

509223
شاڭخەي پودۇڭ خەلقئارا ئايرودورۇمىدا پارتلاش يۈز بەردى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: خىتاينىڭ شاڭخەي شەھىرىدىكى پۇدوڭ خەلقئارا ئايرودورۇمىدا پارتلاش مەيدانغا كېلىپ، ئىككىسىنىڭ ئەھۋالى ئېغىر بولۇپ جەمئىي 3 ئادەمنىڭ يارىلىنىشىنى كەلتۈرۈپ چىقاردى.

پۇدوڭ خەلقئارا ئايرودورۇمىنىڭ ئىككىنچى نومۇرلۇق بېكەت بىناسى يولۇچىلار ئايرىلىش زالىدا ئىككى چامادان 5 سىكۇنت پەرق بىلەن ئارقا – ئارقىدىن پارتلىدى. سومكىلارنىڭ ئىگىسى ئىكەنلىكى ئىلگىرى سۈرۈلگەن بىر كىشى ساقچىلار تەرىپىدىن نازارەت ئاستىغا ئېلىندى، يارىدارلار دوختۇرخانىلاردا بالنىستقا ئېلىندى.

بۇ جەرياندا، پارتلاتقۇچ ماددىلارنىڭ تۈرىنىڭ تەكشۈرۈلۈۋاتقانلىقى، پۇدوڭ ئايرودورۇمىدىكى ئايروپىلان سەپەرلىرىنىڭ نورمال داۋاملىشىۋاتقانلىقى ئۇقتۇرۇلدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر