دائېشقا قارشى كۈرەش بىر قانچىلىغان دۆلەتتە تەڭ داۋاملاشماقتا

فەللۇجەنىڭ شىمالىدىكى ئەل ئەزراقىيە رايونىدا تۇرۇشلۇق ئىراق قىسىملىرىغا دائېشنىڭ قىلغان ھۇجۇمىدا 27 ئەسكەر ئۆلۈپ، 13 ئەسكەر يارىدار بولدى.

508959
دائېشقا قارشى كۈرەش بىر قانچىلىغان دۆلەتتە تەڭ داۋاملاشماقتا

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: تېررورلۇق تەشكىلاتى دائېشقا قارشى ئېلىپ بېرىلىۋاتقان ھەرىكەتلەر سۈرىيە ۋە باشقا دۆلەتلەردىمۇ داۋاملاشماقتا.

ئىراقنىڭ فەللۇجە شەھىرىدە تېررورلۇق تەشكىلاتى دائېش بىلەن ئىراق ئارمىيەسى ئوتتۇرىسىدا  شىددەتلىك توقۇنۇش يۈز بەردى.

فەللۇجەنىڭ شىمالىدىكى ئەل ئەزراقىيە رايونىدا تۇرۇشلۇق ئىراق قىسىملىرىغا دائېشنىڭ قىلغان ھۇجۇمىدا 27 ئەسكەر ئۆلۈپ، 13 ئەسكەر يارىدار بولدى.

ئىراق ئارمىيەسىنىڭ دۇر ئەل ئاتىببا رايونىغا قاراپ ئىلگىرىلىشىگە ئەگىشىپ، رايوندا شىددەتلىك توقۇنۇشلار داۋاملاشماقتا.

يەنە بىر تەرەپتىن ئىراقنىڭ پايتەختى باغداتمۇ بومبا ھۇجۇمىنىڭ نىشانى بولدى.

دىجلە رايونىدىكى ھەربىي تەكشۈرۈش پونكىتىغا قارىتا ئېلىپ بېرىلغان ئادەم بومبا ھۇجۇمىدا 4 كىشى ئۆلۈپ، 13 كىشى يارىدار بولدى.

باغداتنىڭ جەنۇبىي ۋە شەرقىي قىسمىدا 2 بومبا پارتلاپ، 4 بىگۇناھ پۇقرا ھاياتىدىن ئايرىلدى ۋە 15 پۇقرا يارىدار بولدى.

بۇ ئارىلىقتا تېررورلۇق تەشكىلاتى دائېش ئافغانىستاندا بىر ساقچى مەركىزىگە ھۇجۇم قىلدى.

تۇقۇنۇشتا 8 ئافغانىستان ساقچىسى ھاياتىدىن ئايرىلدى، 11 نەپەر دائېش مىلىتانى ئۆلتۈرۈلدى.


خەتكۈچ: #دائېش , #ھۇجۇم

مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر