ئەردوغان: ئەسەد 600 مىڭ پۇقراسىنى ئۆلتۈرگەن قاتىل
جۇمھۇر رەئىس رەجەپ تاييىپ ئەردوغان بەششار ئەسەدنىڭ 600 مىڭ پۇقراسىنى ئۆلتۈرگەن قاتىل ئىكەنلىكىنى ئېيتتى.
تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: جۇمھۇر رەئىس رەجەپ تاييىپ ئەردوغان بوكس شاھى مۇھەممەد ئەلىنىڭ مېيت نامىزىغا قاتنىشىش ئۈچۈن ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرىدا زىيارەتتە بولۇۋاتقان مەزگىلدە بىر مۇخبىرنىڭ سۈرىيە پىرېزىدېنتى بەششار ئەسەدكە مۇناسىۋەتلىك سوئالىغا جاۋاب بەرگەندە، مۇنداق دېدى: «بەششار ئەسەد 600 مىڭ پۇقراسىنى ئۆلتۈردى، ئۇنىڭ زۇلمى سەۋەبىدىن 12 مىليون پۇقراسى ئۆز يۇرتىدا مۇساپىر بولۇپ قالدى. ئەمما ئۇ تېخىچە خۇددى بىر ئىشغالىيەتچىدەك ئۆز خەلقىنى ۋەھشىيلەرچە قىرغىن قىلماقتا. سۈرىيەدىكى ئۇرۇش سەۋەبىدىن پەقەت تۈركىيە باغرىغا بېسىۋاتقان مۇساپىرلارنىڭ سانىلا 3 مىليونغا يېتىدۇ. ئۇنىڭ ئۆز خەلقىگە سېلىۋاتقان زۇلمىنى تىل بىلەن تەسۋىرلەپ بەرگىلى بولمايدۇ، شۇڭا پۈتكۈل ئىنسانىيەت دۇنياسى بەششار ئەسەدنى چەتكە قېقىشى كېرەك دەپ قارايمەن. ئۇنىڭغا ياردەمچى بولۇۋاتقانلارنىڭمۇ ئۇنىڭ زۇلمىغا ۋە قەتلىئاملىرىغا ئورتاق بولۇۋاتقانلىقىغا ئىشىنىمەن. ماڭا نىسبەتەن ئۇنىڭ ئېيتقانلىرىنىڭ ھېچقانداق ئەھمىيىتى يوق.»
مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر
كولۇمبىيەدە تىك ئۇچار چۈشۈپ كېتىپ 9 ئەسكەر قازا قىلدى
كولۇمبىيەدە تىك ئۇچار چۈشۈپ كېتىپ، بىر گېنېرالنى قوشقاندا، جەمئىي تۇققۇز ئەسكەر قازا قىلدى.