«سۈرىيە ئۇچرىشىشلىرى ئۈچۈن شەرتلەر شەكىللەنمىدى»

بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى باش كاتىپى مۇخبىرلارنى كۈتۈۋېلىش يىغىنىدا، سۈرىيە تىنچلىق ئۇچرىشىشلىرىنى باشلاش ئۈچۈن تېخى شەرتلەرنىڭ شەكىللەنمىگەنلىكىنى بىلدۈردى.

507927
«سۈرىيە ئۇچرىشىشلىرى ئۈچۈن شەرتلەر شەكىللەنمىدى»

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ب د ت باش كاتىپى بان كىمۇن سۈرىيە تىنچلىق سۆھبىتى ئۈچۈن ۋاقىتنىڭ قىستاپ كەلگەنلكىنى ئېيتتى. ئۇ ب د ت مەركىزىدە ئۆتكۈزۈلگەن مۇخبىرلارنى كۈتۈۋېلىش يىغىنىدا، سۈرىيە تىنچلىق ئۇچرىشىشلىرىدا كۈچكە ئىگە كېلىشىم تۈزۈلمىگەن ئەھۋالدا تېخىمۇ كۆپ يىرىكچىلىكلەرگە يول ئېچىشى مۇمكىنلىكى توغرىسىدا ئاگاھلاندۇردى. ئۇ: «ۋاقىت قىستاپ قالدى» دېدى.

ئۇ كېيىنكى تىنچلىق ئۇچرىشىشلىرى ئۈچۈن تېخى ۋاقىت بېكىتىلمىگەنلىكىنى، چۈنكى زۆرۈر شەرتلەرنىڭ شەكىللەنمىگەنلىكىنى قەيت قىلدى. ئۇ: «ئۇچرىشىش ئۆتكۈزەيلى دەپ، ئۇچرىشىش ئۆتكۈزمەيمىز. بىراق، خەلقئارا سۈرىيەنى قوللاش گۇرۇپپىسى تەرىپىدىن ئاخىرقى ۋاقىتنىڭ ئاۋغۇست ئېيى باشلىرىنىڭ بەلگىلىنىشىنىڭ مۇھىم ئىكەنلىكىنى تەكىتلىمەكچىمەن» دېدى.

ئۇ بەششار ئەسەد ھاكىمىيىتىگە چاقىرىق قىلىپ: «بەششار ئەسەد ھاكىمىيىتى ئىچكى ئۇرۇش تۈپەيلى چارچاپ كەتكەن دۆلەتتە ئىنسانپەرۋەرلىك ياردەملىرىنىڭ يەتكۈزۈلۈشىگە رۇخسەت قىلىشى كېرەك. رۇخسەت قىلماسلىق ئۇرۇش جىنايىتىدۇر» دېدى.

ب د ت سۈرىيە ئالاھىدە ۋەكىلى ستفان دېمىستۇرا تۈنۈگۈن (9 – ئىيۇن) ئۆتكۈزگەن مۇخبىرلارنى كۈتۈۋېلىش يىغىنىدا، سۈرىيە ئۇچرىشىشلىرىنىڭ ئۈچىنچى قېتىملىقىنى باشلاش ئۈچۈن شەرتلەرنىڭ ھازىرچە شەكىللەنمىگەنلىكىنى ئېيتقان ئىدى. دېمىستۇرا كونكرېت نەتىجىلەرگە ئېرىشىش ئۈچۈن ئۇچرىشىشلارغا چوڭ پۇرسەتلەرنى يارىتىپ بېرىشنى خالايدىغانلىقلىرىنى ئەسكەرتىپ، «كونكرېت پۇرسەتلەر» نىڭ «كونكرېت بولغان سىياسىي ئۆتكۈنچى باسقۇچ» ئىكەنلىكىنى، 1 – ئاۋغۇستنى سىياسىي ئۆتكۈنچى باسقۇچ ئۈچۈن بېكىتىلگەن ۋاقىت دەپ قارايدىغانلىقلىرىنى قەيت قىلغان ئىدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر