ياپونىيە خىتايغا قاتتىق نارازىلىق بىلدۈردى

ياپونىيە شەرقىي خىتاي دېڭىزىدىكى تالاش-تارتىشلىق تاقىم ئاراللار ئەتراپىغا ئۇرۇش پاراخوتىغا ئەۋەتكەن ختىايغا نارازىلىق بىلدۈردى.

507533
ياپونىيە خىتايغا قاتتىق نارازىلىق بىلدۈردى

ياپونىيە ساھىل بىخەتەرلىك مەسئۇللىرى ئاراللار ئەتراپىدا خىتاي ھەربىي ئارمىيەسىگە تەۋە بىر ھەربىي پاراخوتنىڭ كۆرۈلگەنلىكىنى بىلدۈردى.

ياپونىيە ھۆكۈمەت باياناتچىسى يوشىھىدې سۇگا مۇنداق دېدى: «خىتاينىڭ رايوننىڭ ۋەزىيىتىنى كەسكىنلەشتۈرىدىغان قىلمىشلارنى سادىر قىلىشلىرىدىن ئەندىشە ھېس قىلىۋاتىمىز.»

ياپونىيە مۇئاۋىن تاشقى ئىشلار مىنىستىرى ئاكىتاكا سايكىمۇ ياپونىيەنىڭ نارازىلىقىنى بىلدۈرۈش ئۈچۈن خىتاينىڭ توكيودا تۇرۇشلۇق ئەلچىسى چېڭ يوڭخۇانى تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىكىگە چاقىرتتى.

شەرقىي خىتاي دېڭىزىدا بەش ئارال ۋە ئۈچ قىيالىقتىن تەشكىل تاپقان تاقىم ئاراللار خىتاي، ياپونىيە ۋە تەيۋەن ئوتتۇرىسىدا ئۇزۇندىن بۇيان تالاش-تارتىشلىق مەسىلە بولۇپ كەلمەكتە. تاقىم ئاراللار ياپونىيەدە سەنكاكۇ، خىتايدا دىيايۈ، تەيۋەندە دىياۋيۇتەي دەپ ئاتىلىدۇ.

ياپونىيە تاقىم ئاراللىرىنىڭ دېڭىز تەۋەلىكىدە ئىكەنلىكىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، ئاراللار جايلاشقان يەرگە ئارقا-ئارقىدىن چارىلاش پاراخوتلىرى ئەۋەتىپ تۇرىدىغان خىتاينى دېڭىز تەۋەلىكىگە تاجاۋۇز قىلىش بىلەن ئەيىبلىمەكتە.

بۇ ئاراللار ئەتراپىغا چارىلاش ئېلىپ بېرىۋاتقان ياپون ۋە خىتاي پاراخوتلىرى پات-پات بىر-بىرلىرىنى ئاگاھلاندۇرۇپ كەلمەكتە.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر