ئىيوردانىيەدە رامىزاننىڭ تۇنجى كۈنىدە تېررورلۇق ۋەقەسى يۈز بەردى
ئىيوردانىيەدە رامىزاننىڭ تۇنجى كۈنىدىلا بەكا مۇساپىرلار لاگېرىكى ئىستىخبارات ئىشخانىسى ھۇجۇمغا ئۇچرىدى.
504984
تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئىيوردانىيەدە بەكا مۇساپىرلار لاگېرىدىكى ئىستىخبارات ئىشخانىسى ھۇجۇمغا ئۇچراپ 5 ئادەم ئۆلدى.
ئۆلگەنلەردىن 3نىڭ ئىستىخبارات ئوفېستىرى ئىكەنلىكى بىلدۈرۈلدى.
ئىيوردانىيە رەسمىي خەۋەر ئاگېنتلىقى پېترا، مېدىيا ئىشلىرىغا مەسئۇل دۆلەت مىنسىتىرى ۋە ھۆكۈمەت باياناتچىسى مۇھەممەد ئەل-مۇمەننىڭ مەلۇماتىغا ئاساسەن تايىنىپ تۇرۇپ بەرگەن خەۋىرىدە، ئۆلگەن 4 كىشى ئىچىدە 1ى ئامانلىقنى ساقلاش خادىمى، يەنە 1ى خىزمەتچى ئىكەنلىكىنى قەيت قىلدى.
مۇمەنى بۇ ھۇجۇمنىڭ رامىزان ئېيىنىڭ تۇنجى كۈنىدە سادىر بولۇشىنىڭ، ۋەقەنى سادىر قىلغۇچىنىڭ دىنى ئېتىقادتىن مەھرۇم ئىكەنلىكىنىڭ روشەن دەلىلى بولىدىغانلىقىنى ئالاھىدە ئەسكەرتىپ ئۆتتىى.
خەۋپسىزلىك كۈچلىرى ھۇجۇم ئۈستىدە تەكشۈرۈش باشلىدى.