ئىراقتا شىئە رەھبەر خەلقنى دائېشقا قارشى قوزغىلاڭ كۆتۈرۈشكە چاقىردى

ئىراقتىكى شىئە رەھبەر مۇقتەدان ئەس-سادىر خەلقنى دائېشقا قارشى كەڭ كۆلەملىك قوزغىلاڭ كۆتۈرۈشكە چاقىردى.

504723
ئىراقتا شىئە رەھبەر خەلقنى دائېشقا قارشى قوزغىلاڭ كۆتۈرۈشكە چاقىردى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئىراقتا شىئە رەھبەر مۇقتەدان ئەس-سادىر خەلقنى قوزغىلاڭ كۆتۈرۈشكە چاقىردى.

شىئە رەھبەر مۇنداق دېدى: «تېررورچى دائېش بىلەن ھۆكۈمەت سېپىدا چىرىكىلىك قىلىۋاتقان دائېشچىلارغا قارشى خەلقنى قوزغىلاڭ كۆتۈرۈشكە چاقىرىمىز، بۇ يەردە قارار بەرگۈچى يەنىلا خەلقتۇر، خەلق ھامان بىر كۈنى قوزغىلاڭ كۆتۈرىدۇ.»

ئىراقنىڭ ۋەزىيىتىنىڭ بارغانچە ناچارلىشىۋاتقانلىقىنى ئېيتقان شىئە رەھبەر مۇقتەدار ئەس-سادر «بىزگە يېقىن تۇرغۇچىلار قوزغىلاڭ ۋە نامايىشلارغا يېقىن كەلمەي، پالاكەت ئىچىدە تۇرۇۋاتقان ئىراققا بولغان قايغۇ ۋە ئەندىشىلىرىمنى تېخىمۇ چوڭقۇرلاشتۇرۇۋەتتى.»

ئىراق باش مىنسىتىرى ھايدار ئەل-ئىبادى ئاۋغۇست ئېيىدا  ئىراقتىكى چىرىكلىك ۋە خىيانەتچىلىك قىلمىشلىرىغا قارشى كۈرەش قىلىش ئۈچۈن بىر قاتار ئىسلاھات يولغا قويۇش كېرەكلىكىنى ئۇقتۇرغانىدى.

ئىراق باش مىنىستىرى ئىبادى ئىسلاھات دائىرىسىدە ئىرانغا يېقىن تۇرىدىغان ۋە مەزھەپچى سىياسەت يولغا قويۇپ كېلىۋاتقان سابىق باش مىنىستىر نۇرى ئەل-مالىكىنى مۇئاۋىن پىرىزېدېنتلىق ۋەزىپىسىدىن ئېلىپ تاشلىغان بولسىمۇ، دۆلەت ئورگانلىرىدىكى خىيانەتچىلىك قىلمىشلىرىغا ۋاقتىدا زەربە بەرمەسلىك بىلەن تەنقىد قىلىنماقتا.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر