ئىران ئامېرىكىنىڭ تېررورلۇق تىزىملىكىگە قاتتىق نارازىلىق بىلدۈردى

ئىران دۆلەت خەۋپسىزلىك ئالىي كېڭىشىنىڭ سېكرېتارى ئەلى شەمخانى، ئامېرىكىنىڭ يىللىق تېررورىزم دوكلاتىغا قاتتىق نارازىلىق بىلدۈردى.

505097
ئىران ئامېرىكىنىڭ تېررورلۇق تىزىملىكىگە قاتتىق نارازىلىق بىلدۈردى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئىران دۆلەت خەۋپسىزلىك ئالىي كېڭىشىنىڭ سېكرېتارى ئەلى شەمخانى، «تېررورلۇق تەشكىلاتى دائېشتىن بىر ۋاسىتە سۈپىتىدە پايدىلانغان ۋە ئىسرائىلىيەنى قوللىغان ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرى» نىڭ دۆلىتىنى تېررورلۇق تىزىملىكىگە كىرگۈزۈشىگە نارازىلىق بىلدۈردى.

شەمخانى، بۇ ئەھۋالنىڭ مۇداپىئە سىياسەتلىرىگە قەتئىي تەسىر كۆرسەتمەيدىغانلىقىنى، پەقەت غەربنىڭ تېررورلۇق مەسىلىسىدىكى قوش ئۆلچىمىنى ئوتتۇرىغا قويغانلىقىنى تەكىتلىدى.

ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرى تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى پەيشەنبە كۈنى ئېلان قىلغان يىللىق تېررورىزم دوكلاتىدا، تېھران دائىرىلىرىنى تېررورىزمنى قوللاش بىلەن ئەيىبلىگەنىدى. دوكلاتتا، «ئىران 2015 – يىلىمۇ تېررورچى دۆلەتنى قوللىغان دۆلەت سۈپىتىدە قالدى ۋە دۇنيا مىقياسىدا گۇرۇپپىلارغا ئىقتىسادىي، مەشىق ۋە ئەسلىھە ياردىمى قىلدى» دېگەن ئىبارىلەرگە ئورۇن بېرىلگەنىدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر