سىرىلانكادىكى بىر ئوق - دورا ئىسكىلاتىدا شىددەتلىك پارتلاش يۈز بەردى
سىرىلانكادىكى بىر ئوق – دورا ئىسكىلاتىدا پارتلاش يۈز بېرىپ، بىر ئەسكەر ھاياتىدىن ئايرىلدى.
504682
تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: سىرىلانكا پايتەختى كولومبونىڭ شەرقىي قىسمىغا جايلاشقان سالاۋا رايونىدا مەيدانغا كەلگەن پارتلاشتا بىر ئەسكەر ئۆلدى، بىر ئەسكەر يارىلاندى.
5 سائەت داۋاملاشقان پارتلاشلار ۋە يۈز بەرگەن ئوت ئاپىتى ۋەھىمە پەيدا قىلدى. قول بومبىلىرى ۋە باشقا ئوق – دورىلار ئەتراپقا چېچىلدى.
ئالاقىدار تارماقلار، ئىنتايىن كۈچلۈك پارتلاشلار تۈپەيلى ۋەقە يۈز بەرگەن جاينىڭ 5 كىلومېتىر ئەتراپىدىكى ئاھالىلەرنى تارقاقلاشتۇردى.
ئىگىلىنىشىچە، نۆۋەتتە ۋەقەنىڭ يۈز بېرىش سەۋەبى تەكشۈرۈلمەكتە ئىكەن.